دادام يوق
ئاپتورى: ئابدۇۋەلى ئەزىزى
يازمۇ ئۆتتى قىشمۇ كەلدى.
مېھىرىبانىم دادام يوق،
تۈنلەر ئارا سەيلە قىلغان.
غەمگۈزارىم دادام يوق،
تۈن كېچىلەر ئۇخلىماي ،
دۇئا قىلىپ باللىرىغا .
بالام دەپلا ياشىغان ،
خىزىر سۈپەت دادام يوق .
سەنسىز كۈنلەر ئۆتتى يەنە،
سېغنىشنىڭ پىراقىدا .
دەرتە قالدۇق سەن ئۈچۈن ،
ھەربىر بالا ئىشقىدا .
ۋۇجۇدۇمنى ئويغاتقان ،
يول باشچىم دادام يوق .
تىلەيدىغان بەختىمنى ،
جانىجانىم دادام يوق .
توپا باستى سارايلار ،
قارايدىغان ئادەم يوق .
كۆتەك تۈۋىدە ئولتۇرۇپ ،
كۈتىدىغان دادام يوق .
چىدىمىدىم مەن ساڭا ،
قانداق قىلاي جان دادا .
يۈرىگىمنى ئەزدىغۇ ،
ئىشىق ئوتۇڭ جان دادا .
يوللىرىمغا تەلمۈرگەن ،
ئوتلىرىدا كۆيدۈرگەن .
يۈرەكلەرگ ئوت سالغان ،
قارا ساقال دادام يوق .
| 31 قېتىم كۆرۈلدى | ئابدۇۋەلى ئەزىزى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-5-12 8:39:26 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|