ئۆزۈمگە خىتاب (قەلەم)

ئۆزۈمگە خىتاب

 

ئەكبەر مۇھەممەد ئەمىن سەئىدى

 

ئۆتتى كۈنلەر، كەتتى پۇرسەت خىياللەردىن باشىڭنى تارت،

 يىتەر ئەمدى، ئۆزۈڭنى تاپ، يىل ئالدىدا بولما مات.

 

 نى كۈرەشلەر ساقلار سىنى، بولما غاپىل ئۆزۈڭنى ئات،

 ھىچ ۋايسىما، تىنماي تىرىش، ھەق بىرەدۇر تەقسىمات.

 

 كەتسە قولدىن كىتىۋەرسۇن، بولدى ئۇنى قىلما ياد،

ئەسىر بولما غەم - ئەلەمگە، ئېيىت ئۇلارغا پەندىيات.

 

كۆرۈپ جۇشقۇن قامىتىڭنى، يېقىنلىرىڭ بولغاي شاد.

 سۆيگەنلىرىڭ، بەختىڭ ئۈچۈن قىل زېھنىڭنى سەرپىيات.

 

 فايدەسىز ئىشۇ - ھەشەم، ھىچ قوغلىما بولدى سات،

مىھنەتكەشلەر ئاراسىگە، چەتتە قالما سەنمۇ پات.

 

 كى باشىڭنى ئەزسە گەر، مۇشەققەتلەر قاتمۇ - قات،

 بەس ! ئەيلەگەيمەن سۆزۈم تامام، ۋىجدان بىرلە بولما يات.

 

 قەلەم





155 قېتىم كۆرۈلدى ئەكبەر مۇھەممەد ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-14 1:24:35  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-1-19 10:04:57 guzal
yahxikan
2016-1-19 10:04:57 guzal
yahxikan
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ