جېنىم قىزىم ،جان قىزىم - نەسىر - مەريەم كەنجى (ھىدايى)

جېنىم قىزىم-جان قىزىم

(نەسىر )

مەريەم كەنجى (ھىدايى)

 <<ئانىنىڭ كۆڭلى بالىدا،بالىنىڭ كۆڭلى دالىدا >> دېگەن سۆز راست ئوخشايدۇ،دەپ قالاتتىم بەزىدە .چۈنكى،كىچىكىمدىن تا ھازىرغىچە ئاپامنىڭ بالام دەپ كۈيىۋاتقان قەلبىنى ھېس قىلىپ كېلىۋاتىمەن .

ئاپامنىڭ ،پەرىشانلىقىمنى كۆرگەن چاغدىكى تاراملاپ ئاققان كۆز ياشلىرىنى كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن .

مەن ئۈچۈنلا ئەمەس ،ھەتتا نەۋرىلىرى ئۈچۈنمۇ گۈلخان بولۇپ يېنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمەن .

مانا، مەنمۇ  ئانا بولدۇم .

مېھرى ئاتەشتەك ئاپامنىڭ كۆيۈمىدە چوڭ بولغانلىقىم ئۈچۈن ئاپامدىن ماڭا سىڭگەن مېھرى –مۇھاببىتىنى ھاياتىمنىڭ داۋامى بولغان قىزىمغا بەردىم .

چۈشەندىمكى،ئانا قەلبى بالىلار ئۈچۈن كەڭرى كەتكەن يايلاق ،قۇرۇماس بۇلاق ئىكەن ،ئانا –بالا مۇھاببىتىدىنمۇ چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت بولمىسا كېرەك.

شۇڭا،قەلبىمگە ئالەمچە سۆيگۈ- مېھىرلەرنى تولدۇرۇپ بۇ دۇنيادىن بالام دەپلا كېتىۋاتقان ئانىلارغا،ئۆزى ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ بالىلىرىنىڭ كەلگۈسى بەختى ئۈچۈن مىڭ ئۆلۈپ ،مىڭ تىرىلىۋاتقان جاپاكەش ئۇلۇغ ئانىلارغا ،پەرزەنتلىرىنى ياراملىق ئىزباسارلاردىن قىلىپ تەربىيەلەش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر سەۋرى- تاقەت بىلەن ياشىغان مېھرى ئاتەش ئانىلارغا ،ھاياتلىقىنىڭ جاپا- مۇشاقەتلىرىنى يەتكۈچە تارتسىمۇ پەرزەنتلىرىنىڭ بەختىنى كۆرگەندە ،مەن بۇ دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئانا دەپ بەھۇزۇر كۈلگەن، كۆڭلى دەريا –دېڭىز ئانىلارغا ئەڭ ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرمەن .

ئانىلارنىڭ پەرزەنتى ئۈچۈن كۆيىۋاتقان شۇ ئوتلۇق قەلبىدە پەرزەنتلىرىدىن ئەنسىرەش تۇيغۇسىنىڭ ئاجايىپ زور سالماقنى ئىگەللەيدىغانلىقىنى بالىلىق بولغاندىلا ئاندىن ھېس قىلغىلى بۇلىدىغانلىقىنى ئەمدى چۈشەندىم.

بىز كىچىكىمىزدە مېھرىبان ئاپام شۇنداق دەيتتى :<<مېنى ئەنسىرەتمەي تامىقىڭلارنى ۋاقتىدا يەڭلار،كىيىمنى قېلىنراق كىيىڭلار، باشقىلار بىلەن ئۇرۇشماڭلار، باشقىلارغا يولسىزلىق قىلماڭلار،ياخشى ئوقۇڭلار..ئوماق قوزىلىرىم.. >> مەنمۇ ئاپا بولغاندا ئاپامنىڭ بۇ گەپلىرىنى مەنمۇ تەكرارلىغانلىقىمنى سەزدىم .

مەندىن 250 كىلومېتىر يىراقلىقتا ،ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ھۇل سېلىپ ،تىرىشىپ ئوقىۋاتقان قىزىم فىلورەدىن ئەنسىرىگەن چېغىمدا قىزىم ماڭا:<<ئەنسىرمەڭ ئاپا،مەندىن خاتىرجەم بۇلۇڭ >>دەيتتى .

مەن يەنىلا قىزىمدىن ئەنسىرەيتىم .قىزىم ۋاقتىدا ئورنىدىن تۇرالىغانمىدۇ ؟تامىقىنى ۋاقتىدا يىگەنمىدۇ؟ ،سوغوقلاردا توڭلاپ كەتكەنمىدۇ؟يامغۇردا  قالغانمىدۇ ؟دەپ ئەنسىرەيتىم .

يەنە بەزىدە،باشقىلار بوزەك قىلغانمىدۇ؟دەپ ئەنسىرەيتىم ....قىسقىسى،بۇ ئەنسىرەشلىرىمنىڭ ئايىقىى ئۈزۈلمەيتى .ھەر قېتىم تېلېفوندا كۆرۈشكەندە تەكرار تاپىلاشلىرىم تۈگىمەيتتى .<<قىزىم تاماقنى ۋاقتىدا يەڭ ،كۆپىرەك يەڭ .تاماق تاللىماڭ ،كۆكتاتنى تۇلۇق يەڭ ،ئۇزۇقلۇق يېتىشمەي قالمىسۇن .قېلىنراق كىيىنىڭ،زۇكام بۇلۇپ قالماڭ.دەرسكە كېچىكمەڭ، ۋاقتىدا ئۇخلاڭ ،تازلىققا دىققەت قىلىڭ ،كىيىملىرىڭىزنى پاكىز كىيىڭ .....>>قىزىم ئالدىنقى قېتىمقىغا ئوخشاشلا<<ماقۇل ئاپا>> دەپ مېنى خاتىرجەم قىلاتتى ،يەنە <<ئاپا ،مەندىن ئەنسىرىمەڭ ،مەنمۇ چوڭ بولدۇم، چوقۇم دېگىنىڭىزدەك قىلىمەن >>دەپ كۈلۈپ كېتەتتى .

قىزىمنىڭ كۈلكىسىدىن ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ چوڭ بولغانلىقىدىن ماڭا بىشارەت بېرىۋاتقانلىقىنى سېزىپ تۇرساممۇ ،لېكىن يەنىلا بۇ گەپلەرنى ھەر قېتىملىق تېلېفونۇمدا يەنە تەكرارلايتىم.

مانا مۇشۇ تەرىقىدە كۈنلەر ئۆتتى ،ئايلار ئۆتتى ،يىللار ئۆتتى .

مانا ئەمدى قىزىم ماڭا تاپىلايدىغان بولدى :ئۆزىڭىزنى ئاسىراڭ ئاپا،دورىڭىزنى ۋاختىدا ئىچىڭ ئاپا ،تاماقنى ۋاقتىدا يەڭ ئاپا ، ۋاختىدا ئارام ئېلىڭ ئاپا..>>

كۆڭلۈمدىكى سۈيۈنۈشلىرىم ،مىننەتدارلىقىم كۆزۈمدىكى بەخىت ياشلىرىمغا ھەر ۋاقىت، ھەر ۋاقىت ھەمراھ ئىدى .

قىزىمنىڭ ئىنسابىدىن ،ئەقىللىقلىقىدىن خوش بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇڭداشقانلىرىمدا ئۇنىڭدىن دائىم ئەنسىرەپلا يۈرۈيدىغانلىقىمنى ،بۇنىڭ ئۈچۈن  قىزىمنىڭ بىزارلىق ھېس قىلماسلىقىنى ئېيتقان چېغىمدا،ئۇ ماڭا يەنە :<<بۇ دۇنيادا ئۆز پەرزەنتىگە كۈيۈنمەيدىغان ،ئۆز پەرزەنتىدىن ئەنسىرمەيدىغان ئاپا بولمىسا كېرەك.كۆڭلىڭىزنى چۈشۈنىمەن ،سىزگە مۇشۇ ھەقتە ئازىراق بىر نەرسە دەپ بېرەي ››دەيتتى.

<<شۇنداق بىر كۆيۈمچان ئاتا -ئانا بولغان ئىكەن ،بالىلىردىن ئەنسىرەپلا يۈرۈيدىكەن .

بىر كۈنى قىزى ئۇلارغا:

-مېنىڭ بىر چاقلىق ئاياق ئالغۇم بار .-دەپتۇ.

ئاتا-ئانىسى:

-ئالسىڭىز بولمايدۇ،يولدا كېتىۋېتىپ ماشنىلارغا سوقۇلۇپ كەتسىڭىز ،يىقىلىپ چۈشۈپ يارلانسىڭىز بىز قانداق قىلىمىز ؟-دەپتۇ.

قىزى:مېنىڭ ئىسكىرۇپكا چېلىشنى ئۆگەنگۈم بار دەپتۇ.

ئاتا -ئانىسى:ياق ،ئۇنى  ئۆگەنسىڭىز ئۈگۈنۈشىڭىزگە تەسىر يېتىدۇ،ئاخىرىنى چىقىرالمايسىز ،ۋاقىت ئىسىراپچىلىقى بۇلىدۇ ،دەپتۇ.

قىزى ئاسمانغا قاراپ ئەركىن پەرۋاز قىلىۋاتقان قۇشلارغا قارىغىنىچە شۇنداق دەپتۇ :مەنمۇ قۇش بولۇپ قالغان بولسام خالىغان تەرەپلەرگە ئۇچاركەنمەن دەپتىكەن.

ئاتا-ئانىسى يەنە :

-ياق،ياق ،بولمايدۇ،توك سىملىرىغا قۇنىۋالسىڭىز ،توك سوقىۋەتسە بىز قانداق قىلىمىز >>دەپتۇ.

-بىز تەڭلا كۈلۈشۈپ كەتتۇق..

قىزىمنىڭ چوڭ بولغانلىقىنى ھېس قىلغان بولساممۇ مېنىڭ يۈرۈكۈم يەنىلا قىزىمنى قۇيىۋەتمەي چىڭ قاماللاپ تۇتۇپ تۇراتتى .

جېنىم قىزىم-جان قىزىم  !

سىزمۇ بىر كۈنى ئانا بولىسىز،ئانىدىن –ئانىغا ئۇدۇم قالغان مېھىر مۇھەببەت مەڭگۈ داۋام قىلغاي،بۇ دۇنيا مېھىر مۇھەببەتكە تولغاي!

ئاپتور:باي ناھىيەلىك 4-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇئەللىمەسى

拜城县第四小学:麦热艳木。坎吉 13999664139

2016.6.1

 


  


     





283 قېتىم كۆرۈلدى مەريەم كەنجى ھىدايى ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-12 17:56:46  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ