تەشنالىق
نۇرئەھمەدجان مەمتىمىن شەرئى
يۈرمىكىم جائىزمۇ چۆللەردە تەنھا،
ئەلىمىم كۆلىگە چۆكەلەيدۇ كىم؟
ئايانغۇ بولغىنىىم ناتىۋان سەرسان،
قوينىنى ماڭا كەڭ ئاچالايدۇ كىم؟
كىچىدە يۇلتۇزغا باقىمەن مەستخۇش،
ئۇ كەبى مىنى شاد ئىتەلەيدۇ كىم؟
دەز كەتكەن بۇ سۇنۇق كۆڭلۈمگە جۇشقۇن،
يۇلتۇزدەك تەسەللى بىرەلەيدۇ كىم؟
مەنزىلسىز،ئۇزاق يول ئاياغلىرىمدا،
غەملىرىم قىتىغا كىرەلەيدۇ كىم؟
قايغۇسىز ئۆتۆشكە يوقمىكىن ئىمكان،
دەردىمگە دەرمانە كىلەلەيدۇ كىم؟
ئۆتمۈشنىڭ غەملىرى باسماقتا غەمكىن،
ئۇنىڭدىن،بەس،ئازات قىلالايدۇ كىم؟
كەتكۈم بار ئۇزاققا كىتەلمەيمەن ھىچ،
بۇ زەنجىر كىشەننى چاقالايدۇ كىم؟
بۇھايات،كىمسەن دەپ قىلىدۇ چاقچاق،
ئىنسانمەن كىملىكىم بىلەلەيدۇ كىم؟
ئادىشىپ كىتىمەن گاھى كوچامدا،
مەن ئۈچۈن ئارقىغا يانالايدۇ كىم؟
نىمىشقا بالىلار شۈنچىلىك غەمسىز،
قىنى دەرت ئەلەمسىز ئىيتالايدۇ كىم؟
بەك شىرىن ئىكەنتوق بالىلىق چىغىم،
شۇ چاغقا يەتكۈزۈپ قويالايدۇ كىم؟
تەشنالىق ئىلكىدە مۇڭلاندى دۇنيا،
مىھرىدىن زەر چاچقۇ چاچالايدۇ كىم؟
خاتامۇ تىلىگىم،بىغۇ بار يامغۇر،
چاڭقاقمەن يامغۇردەك ياغالايدۇ كىم؟
سۆڭىكىم لاغىلداپ تىترەيدۇ بۇدەم،
مۇزلۇدۇم،ئوت بولوپ كۆيەلەيدۇ كىم؟
ئىنتىزار پاك قەلبىم سۆيگۈگە شۈنچە،
ھىجرانغا تاشلىماي سۆيەلەيدۇ كىم؟
ياشلىغىم قايماقتا قۇيۇن دەستىدىن،
نە سەۋەپ سىرىنى يىشەلەيدۇ كىم؟
كۈنلىرىم ھەسرەتلىك قاراڭغۇ مىسكىن،
ئۈستۈمدە قۇياشتەك يانالايدۇ كىم؟
غىرىپمەن ناتىۋان قىلچە ئىزھارسىز،
مىنى چىڭ باغرىغا باسالايدۇ كىم؟
بولدىلا،كۇپايە بولسا بىر يارەن،
يىغلىسام تەڭ يىغلاپ كۈلەلەيدۇ كىم؟
2016-10-22-كۈنى شەرئى
60 قېتىم كۆرۈلدى | نۇرئەھمەدجان مەمتىمىن شەرئى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-6 0:08:51 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|