يىگىتلەر - ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرە تېكىن

 يىگىتلەر
ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرە تېكىن


يىگىتلەر روھىڭنى باسمسۇن كىر,داغ،
بۇلۇرسەن كەلگۈسى يۇرۇتقا تۈرۈك تاغ.
روھىڭغا چىرماشسا گەر چىرىك ئىللەت،
سەن سەۋەپ پايخانغا ئايلنار گۈلباغ.

يىگىتلەر ۋىجداننى مەنپەتكە ساتما،
ئۆزۈڭنى ھەرگىز نامەرتلەر قوينغا ئاتما.
سەپىرىڭدە پۇتلۇشۇپ يىقىلىپ كەتسەڭمۇ،
ئالدىراپ چېھرىڭگە سەن غەملەر يوللاتما.

يىگىتلەر كەيىپتىن خۇنۈكلەپ ئەگمە بېشىڭنى،
يېتەلمىسەڭ سۆيگۈڭگە بوپتۇ تۆكمە يېشڭنى.
ئاجىزلار ئالدىڭدا بولمسۇن كۈلكە خۇرۇچىڭ،
ئۇلارنڭ قاچىسىدىن تاپما رىسقىڭ,ئېشڭنى.





37 قېتىم كۆرۈلدى abdu4745 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-14 3:54:33  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ