قالارمىكىن يۈرەك يەنە ئەلەمدە
مەنزىل
ئۇچرىغانغا كۈلۈپ يۈرىمەن،
ئەمما دەردىم ئۆزۈمگە ئايان.
كۆيۈمى بار بىر نىگار بولسا،
يۈرەكىمدە يوق ئىدى ئارمان.
قەلبىمدە بار ھەققىي سۆيگۈ،
ئەقىدەم بار بىرگىلا پەقەت.
چۈشەنسەڭ گەرقەلبىم سىرىنى.
يوقتۇر مەندە ساختا مۇھەببەت.
تەشنا يۈرەك، يۈرەك سۆزۈڭگە،
ئاشىق بولدۇم سىرلىق كۆزۈڭگە.
رەت قىلامسەن سۆيگۈمنى ياكى،
سۈكۈت بىلەن قاراپ كۆزۈمگە.
سىنى ئۆز دەپ قەلبىمنى سۆكۈپ،
ئىزھار قىلسام قەغەز قەلەمدە.
سەنمۇ كەتسەڭ پىشىڭنى قىقىپ،
قالارمىكىن يۈرەك يەنە ئەلەمدە.
2016.يىل10.ئاي11.سەيشەنبە
70 قېتىم كۆرۈلدى | manzil | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-13 22:36:47 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-10-16 10:01:16 | majnun520 |
تىمىسىنى«قالمامدۇ يار يۈرەك ئەلەمدە»دەپ ئۆزگەرتىپ باققان بولسىڭىز!شېئىرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ!لېكىن شۇ تىمىسى ئاخىرقى مىسردا بۇغۇم ئارتىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپتۇ!بۇ پەقەت بىر تەكلىپ! |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|