سەن-سەن
ھەسەنجان تىلىۋالدى شېئىرى
كۈنلىرىمنىڭ ئىزناسى سەن- سەن.
يۈرىكىمنىڭ نىداسى سەن- سەن.
تۈندىن قارا كۆزۈڭگە خۇمارمەن،
كۆزلىرىمنىڭ شەيداسى سەن -سەن،
سەن گوياكى خۇشپۇراق بىر گۈل،
باغلىرىمنىڭ رەناسى سەن- سەن.
يۈرەك باغرىم شادلانماس سەنسىز،
دەتلىرىمنىڭ داۋاسى سەن -سەن.
تولۇن ئايغا ئوخشايسەن يارىم ،
ئاسمىنىمنىڭ جۇلاسى سەن- سەن.
چۈشلىرىمدە سىغىنسام ھېدىڭنى ،
ھۆر پەرىنىڭ سىماسى سەن -سەن.
ناخشا ئىيتسام سەن ئۈچۈن باھاردا،
كۈيلىرىمنىڭ ناۋاسى سەن -سەن.
سىنىڭ بىلەن ياشنايدۇ ھاياتىم،
بۇ ھاياتنىڭ مەناسى سەن- سەن.
ئۈندىدار : 1977084646
رەيھانىم لالە
ھەسەنجان تىلىۋالدى شېئىرى
قېشى قارا زىلالە ،
مەن ئوتۇڭدا پەرۋانە.
كۆيدۈم ساڭا يىگانە،
رەيھانىم لالە ،
رەيھانىم لالە ،
سۆزلىرى دۇردانە.
ۋەسلىڭدە يۈرۈپ،
بولدۇم ئاۋارە ،
بىر قاراپ كۈلۈپ قالدىڭ،
يۈرىكىمگە ئوت سالدىڭ ،
ئەس ھوشۇمنى سەن ئالدىڭ،
رەيھانىم لالە .
كۆزۈڭگە خۇمار بولدۇم،
ئۇيقۇدىن بىدار بولدۇم،
ۋىسالىڭغا زار بولدۇم،
رەيھانىم لالە .
قىينىما مىنى بۇنچە ،
بىغىڭدىن ئۈزەي غۇنچە،
ئاشىقمەن ساڭا شۇنچە ،
رەيھانىم لالە.
پەقەت ئارام تاپمىدىم ،
كۈندە سىنى ساقلىدىم ،
ئەقىدەمدىن يانمىدىم،
رەيھانىم لالە .
ئۈندىدار : 1977084646
| 81 قېتىم كۆرۈلدى | danish | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-13 20:52:40 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|