يېزىق
يازغۇچى : ئابدۇۋارىس ئوسمان
جاھاندىكى يېزىقلار تىزىلدى ئۈنچە-مارجاندك ،
خويمۇ ياراشقان شۇمىللەتكە زىبۇ- زىننەتتەك .
يېزىققا يېزىلمىغان ئىنسانلارئۇنتۇلۇدۇ بىردەك ،
تارىختا ئۆتسىمۇ ئىنسانلار شانۇ-شەۋكەتلىك .
يېزىق بولغاچ پەيلاسوپ ئالىملار بولغان ،
يېزىق بولغاچ ئىنسانلارنىڭ تارىخى بولغان.
قانۇن ئەدەپ-ئەخلاق يۇلى يېزىقتا بولغان ،
يېزىق بولغاچ ئەۋلادلارغا نەسىيەتلەرقالغان .
يېزىق بولمىسائۆچەرمىللەتنىڭ شولىسى ،
يېزىپ قالدۇرۇش دانانىڭ توھپىسى .
بىلسەڭ يېزىق مىللەتنىڭ شۆھرىتى ،
بۇيېزىق ئەۋلادلارغا مەڭگۈ قالغۇسى.
گاھى يېزىقلار بىر-بىرلەپ ئۆچىۋاتىدۇ ،
موزى بولۇپ بەزىللىرى ساقلىنۋاتىدۇ.
خىيالىمدا ئانا يېزىقىم شۇنداق بولارمۇ؟
بۇنداق خىيال كۆڭلۈمنى يېرىم قىلۋاتىدۇ.
بوۋام قالدۇرۇپتۇ يېزىقتا نەسىيەت ،
تەمتىرەپ قالمىسۇن ئەۋلادلار دەپ .
قورالىم يېزىقىم بولدى بىررەت ،
ئۈمۈدۇم بۇ يېزىق ئۆچمىسۇن ئەبەد .
| 80 قېتىم كۆرۈلدى | 944382894 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-5 1:09:31 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|