بىر كۆرۈپ - يۈسۈپجان ئۆمەر

 بىر كۆرۈپ  
يۈسۈپجان ئۆمەر 


بىر كۆرۈپ ئ‍ۆزۈمگە ئ‍وخشىماي قالدىم،
يۈرۈكۈم سوقسىمۇ تىڭشىماي قالدىم·
ھالسىراپ ماغدۇرۇم جادۇ سېھرىڭدە،
تىنىقىم توختىغاچ غىڭشىماي قالدىم·

جامالىڭ كۆڭلۈمنى ھەر كويغا سالدى،
تولغۇنۇپ ئىشقىڭدا ھەسرەتكە قالدىم·
توختىماي ئ‍ەيىبلەر قەلبىمنى  ھىجران،
سۆيگۈمنى يوشۇرۇپ نەپرەتكە قالدىم·

بۇ كۆڭۈل سۇ ئ‍ىچمەس بىراۋدىن ئ‍ەبەد،
تەنھالىق چۆلىدە قاغجىراپ قالدىم·
شۇ ئ‍وتلۇق مىھرىڭدىن بەرگىن بىر تامچە،
بەر سۆيگۈ يولۇڭغا تەلمۈرۈپ قالدىم·

2016.10.26 قەشقەر
     





165 قېتىم كۆرۈلدى xohyigit ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-4 23:49:52  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-11-7 0:36:43 مۇتەللىپ
قالتىس شىئركەن،داۋملىق تىرشىڭ!
2016-11-7 0:34:51 نۇرگۈل
بەك ياخشى يىزىلپتۇ قۇلىڭىزغا دەرد بەرمسۇن.
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ