مەن دۇنيانىڭ غىرىپ بالىسى
ئوسمان ئابدۇللا (نازۇك)
بىر ئاھاڭغا غىڭشيمەن ئۈنسىز،
زەخمەك چىكەر قەلبىم تارىسى.
مەنزىل قايان؟ يۈرىمەن ئەنسىز،
مەن دۇنيانىڭ غىرىپ بالىسى.
كاككۇك سايرار باھار كەلگەندە،
زەينەپ تامان خيال شۇ دەمدە .
ئاشىقلارنىڭ كۆزلىرى نەمدە،
مەن دۇنيانىڭ غىرىپ بالىسى .
مەن ئاشقمەن گۈزەل بىر ئايىغا،
ئاي مەنستمەي تاشلارمۇ لايغا.
بارغۇم كىلەر ئاي بار شۇ جايغا،
مەن دۇنيانىڭ غىرىپ بالىسى.
مەھكۇملۇقتا ھىجىرانلارغا يار،
بولوپ يارغا شۇنچە تەشنا-زار.
ئاشىقلارنىڭ يولى ئىكەن تار ،
مەن دۇنيانىڭ غىرىپ بالىسى.
ئۆزۆم كۆيۆپ يانىمەن ئۆزۆم،
بۇ ئاشقلىقىنى بىلەرمۇ گۈلۈم.
تەشۋىشلەردە ئۆتەر بۇ كۈنۈم،
مەن دۇنيانىڭ غىرىپ بالىسى.
يامان ئوتكەن،كۆيگەن ئوت ئۆزى،
كوركەن ئەزەل ئاشىقنىڭ كۆزى.
قانداق تۇزكىن ۋىسالنىڭ تۇزى،
مەن دۇنيانىڭ غىرىپ بالىسى .
2017-يىلى14-ئاپىرىل(قارىتاغىز)
48 قېتىم كۆرۈلدى | ئوسمان ئابدۇللا | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-14 10:09:53 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|