مەن چوشقا بۇلاي
مىلىتسىيە
چۈشۈمدە بىر چوشقا سورىدى سۇئال ،
بۇسۇئال بېشىمغا بولدىغۇ ئۇۋال ،
تىللىرىم كەپلەشتى ،دىللاردا خىيال ،
ھاياتىم كۆزىمگە كۈرۈندى زاۋال ،
چوشقا :
ئېيتقىنا ھەي ئادەم: «سەن چوشقىمۇ مەنمۇ » ؟
ئادەمنىڭ تۈرمىسىدە ياتقىنى ئادەم
جازا مەيدانىدا ئېسىلغان ئادەم ،
جانلارغا زامىنمۇ: يەنىلار ئادەم .
ئېيتقىنا ھەي ئادەم:«سەن چوشقىمۇ مەنمۇ »؟
تاجاۋۇز ئۇرۇشلار بولدى نەچچە رەت ،
بىرىنچى دۇنيا ~
ئىككىنچى دۇنيا ~
تارىختىكى تۈمەنمىڭ دۇنيا .
ئۇرۇشتا چاپقىنى ئادەمنى- ئادەم ،
يوقتۇر بۇ ئۇرۇشتا چوشقا ۋە سايەم ،
ئېيتقىنا ھەم ئادەم:«سەن چوشقىمۇ مەنمۇ » ؟
ياخشىغا بۇيرىدى ئادەمنى -ئادەم ،
ياخشىنى چانىغان ھەممىسى ئادەم ،
بەزىنى مىخلاپ ~
بەزىنى زىخلاپ ~
پايداڭغا سۆز قىلسا تىلاپ ئۇرۇسەن
ئېيتقىنا ھەي ئادەم:«سەن چوشقىمۇ مەنمۇ »؟
…………
سۇئاللار تۈمەنمىڭ ياغدى باشىمغا !؟
ھېشقانداق جاۋاپمۇ كەلمىدى يادىمغا
دېدىممەن چوشقىغا جاۋابەن بىرىپ :
سەن ياخشى بوپ تۇرغۇن !
مەن چوشقا بۇلاي !
مىلىتسىيە
2016/11/25
| 478 قېتىم كۆرۈلدى | مىلىتسىيە | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-25 17:57:43 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|