تەس بولدى (شېئىر) - ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرە تېكىن

تەس بولدى
ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرە تېكىن


چىن ئىدىم ھەق سۆزلەپ كەلگەن ئەزەلدىن،
قايىمىغان ئۆزۈم تۇتقان يولدىن ئەمەلدىن.
ئۇدۇن ئالغان غورۇرنى ئەجداد,قەۋمدىن،
نامەرتكە ياندىشىپ كەلمىكىم تەس بولدى.

بەزىلەر دېيىشتى مېنى چاقنىغان ئالتۇن،
بەزىدە تىللىدى”شەيتانسەن,ئازغۇن“.
بۈركۈتمۇ بولدۇم ھەم بەزىدە قۇزغۇن،
ئادەم ئالدىدا ئادەم بولمىقىم تەس بولدى.

دوست دېسەم قويندا يۇشۇرۇن پىچاق،
مېھىر بەرسەم ئايلاندىم قولىدا قونچاق.
يۈرەك لەختە كۆزلەردىن ئاقتى مۇنچاق،
دوستتىن دوستۇمنى تاپمىقىم تەس بولدى.

ئالدىساڭ مىنى ئۇمۇ سىنى قويمىدى ئامان،
باغلانغاچ پۇلغا مۇھەببەت تۇزىدى ھامان.
ئايلاندى سۆيگۈ نەرقى سارغايغان سامان،
دۇنيادىن چىن سۆيگۈ سەزمىگىم تەس بولدى.

كۈلكەم كەينىدە يۇشۇرنغان ئاچچىق يىغا،
قولۇمنى تۇتۇپ ماڭغانلار باشلار تىك قىيا.
يۈركۈم قان يېغ لاپ ئۆزۈمگە قىلىدۇ نىدا،
ساختا دۇنيادا ئېچىلىپ كۈلمىكىم تەس بولدى.

2016.12.26 تۈزۈتىلدى
     





48 قېتىم كۆرۈلدى abdu4745 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-27 3:31:38  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ