قىزىمغا - ئ‍ىمىنجان ئ‍ابدۇرھىم

قىزىمغا 

 ئ‍ىمىنجان ئ‍ابدۇرھىم


سەن بولغاچ سېزىلمەس قايغۇ ئ‍ەلىمىم،
بىر كۈلكەڭ بېشىمنى يەتكۈزەر كۆككە·
يۇلتۇزۇم سەن مېنىڭ ئ‍اسمىنىمدىكى،
ئ‍وخشايسەن بىرتامچە زەمزەمگە ،سۈتكە·

دۇنيادا كىمەركى ئ‍امراق بالىغا،
شۇندىمۇ ھەر كىمنىڭ مىھرى ئ‍ۆزگىچە·
تامامى دادىنىڭ مىھرىنى قوشسا،
بىر كۈنلۈك مىھرىمگە يەتمەس مېنىڭچە·

سەن مېنى دۇنيادا تۇتۇپ تۇرىسەن،
ھەرقېتىم چىشلىرىم كىرىشكەن چاغدا·
تىكەنلەر ئ‍ۈستىگە دەسسەپ يۈرۈپمۇ،
سەن بولغاچ ئ‍ۆزۈمنى سېزىمەن باغدا·

يۈرىكىڭ يۈرەككە تۇتاشتۇر قىزىم،
بەرداشلىق بېرىمەن سەن بولغاچ جۇتقا·
ناۋادا ئ‍ارىمىزكەتسە يىراقلاپ،
ھايات جۈملىسىگە ئ‍ۇرۇلار توچكا·
     





42 قېتىم كۆرۈلدى ئ‍ىمىنجان ئ‍ابدۇرھىم ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-20 10:33:11  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ