ئەتىگە تۇتاشقان يول
    ئەكبەرئىدرىس ئەرچىن 
ئەتىگە تۇتاشقان شۇ سېرلىق يولدا ،
بىخۇدلار قاپقانغا چۈشۈپ كىتىدۇ .
جۇدۇنى دەھشەتلىك ئۇشبۇ دۇنيانىڭ ،
تالاي گۈل ئىچىلماي ئۈشۈپ كىتىدۇ .
ئەتىگە تۇتاشقان شۇ گۈزەل يولدا ،
قۇپقۇرۇق بوتۇلكا ئۆرە قالىدۇ .
ئىت بولساڭ كىتىسەن ئەگىشىپ ياتقا ،
ئورماندا شاھ بولۇپ بۆرە قالىدۇ .
ئەتىگە تۇتاشقان تىلسىم شۇ يولدا ،
كەل كەل دەپ شەيتانلار ناغرا چالىدۇ .
ئۆزلىرى ئاق ناننى يەيدۇ خۇمسىلار ،
گوللاپ ئاغزىڭغا زاغرا سالىدۇ .
ئەتىگە تۇتاشقان شۇ قىسقا يولدا ،
ئۆگۈنگە بارالماي ئەمەت قالىدۇ .
ئۇسىدۇ قاچىغا پۇشايماننى لىق ،
قىيالماي ئەمەتكە سەمەت قالىدۇ .
ئەتىگە تۇتاشقان  شۇ خائىن يولدا ،
ئاتىغا كۆيمىگەن بالا قالىدۇ .
ئانىنى يىغلاتقان باتۇر شۇ يىگىت ،
قەلبى جەڭگاھسىز يارا قالىدۇ .
ئەتىگە تۇتاشقان خىرسلىق يولدا ،
شەرەپ بوپ تارىختا ئۆملۈك قالىدۇ .
توزغاقتەك  توزۇيمىز ئۇچساقمۇ كۆكتە ،
ھامان بىزلەرگە دۆتلۈك قالىدۇ .
ئەتىگە تۇتاشقان ھىكمەتلىك يولدا ،
ئەۋلادقا يا ئېسل كىتاپ قالىدۇ .
ئىلىم سۆيگەنننىڭ مۇرادى ھاسىل ،
بىزدىن يا ئاقىل بىتاپ قالىدۇ .
ئەتىگە تۇتاشقان يالىڭاچ يولدا ،
ئىنسان پۇل مالدىن قۇرۇق قالىدۇ .
ئىچىدۇ بىر كۈنى سىنى  ياد ئىتىپ ،
سەن قازغان ئاشۇ قۇدۇق قالىدۇ .
ئەتە تاڭ ئاتسا تەلىيىڭ بەختىڭ ،
نۇر  بوپ ياشىساڭ يورۇق قالىدۇ .
كىم ئىيتالىغان كىم كىتىدۇ دەپ ،
ئۇ سەل سىمىزرەك ئورۇق قالىدۇ .....
2016.يىلى 23.ئۆكتەبىر كۈيتۈن
      
| 260 قېتىم كۆرۈلدى | arqen | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-23 15:41:39 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |