يامغۇلۇق كېچە (شېئىر) - ئىباگۈل راخمان

يامغۇرلۇق كېچە  

ئىباگۈل راخمان


ئۇنۇتمايمەن ئۇنتۇلماس ھەم شۇ كېچە،
تۇنجى يامغۇر گۇۋاھ بۇلغان شۇكېچە.
كېتېپ قالدىڭ خوش دېمەستىن يېنىمدىن..
قىيالماستىن باقتىم ئۇزاق شۇ كېچە.

بىر ساڭىلا تەئەللۇقتى بۇ سۆيگۈم،
ئەپسۇس نىچۈن چۈشەنمىدىڭ  دىلىمنى.
يامغۇر بۇلۇپ تۈكۈلدى كۆز ياشلىرىم،
ياكى يامغۇر  چۈشەنگەنمۇ سىرىمنى.

ھېچ بىلمىدىم ،ۋەدەڭ ئەسلى شۇمىدى ،
ئېھ نىگارىم ئايرىلىشقا مېنىڭدىن .
سۈيەلمىسەڭ ئىلاجىم يوق مەيلى كەت!
بەخىت تىلەپ قالاي ساڭا دىلىمدىن .

باي ناھىيە داۋانچى دوختۇرخانىدىن: ئىباگۈل راخمان
     





181 قېتىم كۆرۈلدى ipargl ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-6 22:19:40  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ