بىلمىدىم بۇ ماكانغا زادى نىم بولدى

بىلمىدىم بۇ ماكانغا زادى نىم بولدى

 

تۇرغۇن مەمەت (ئىشقى )

 

 ئاق تۈتۈن قاپلىغاچ پۈتكۈل جاھاننى ،

تومۇردا قان ئەمەس ،ئاق ئىبلىس ئاقتى .

 ئىنساننىڭ جىسمىنى زەنجىردەك باغلاپ ،

 بۇ ئۇلۇغ ماكانغا خىرىستا باقتى .

 

 كەيىپ دەپ ياشلىرى بۇ تۇيۇق يولنى ،

 كۆيدۈردى بايلىرى تۈمەن مىڭ پۇلنى .

 جىنىدىن ئايرىلدى نۇرغۇن ئادەملەر ،

 ھەم شۇنى كۆرۈپمۇ تارتمىدى قولنى .

 

 خۇمارچۈن قىزلىرى يۈرەر ياتاقتا ،

 پۇل ئىزلەپ يىگىتلەر قالار چاتاققا .

 ھېچنىمە كۆرۈنمەس خۇمار تۇتقاندا ،

كاللىسى ئايلانغان نەۋاق قاپاققا .

 

 ئۇنۇتقان قېرىنداش دوست يارەنلەرنى ،

 ئاتائانا ھەم بالا جان پارەنلەرنى .

كۆڭلىدە قالمىغان مىھىرمۇھەببەت ،

 ئىلاھ دەپ بىلەركەن ئاق بەرگەنلەرنى .

 

 بىلمىدىم بۇ ماكانغا زادى نىم بولدى ،

 ئاق چېكىپ قەلىبلەر مىسكىن جىم بولدى .

تاشلىغىن دىمەيمەن چۈنكى سەن ۋەيران ،

 سۆزلىمەي بولدىلا ئەمدى ھىم بولدى .





130 قېتىم كۆرۈلدى ixki908 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-24 11:48:25  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-30 10:20:05 مىھمان
ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ،
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ