كەچۈرۈش توغرىسىدا - گۈلزىرە مەخمۇت

 كەچۈرۈش توغرىسىدا

گۈلزىرە مەخمۇت


 ئەگەر خاتالىقىڭ ئۈچۈن كەچۈرۈلمەي قالساڭ ، كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما . چۈنكى سېنى چۈشىنىدىغان ئادەم سېنى كەچۈرىۋېتىدۇ . خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان ئادەم يوق ، لېكىن خاتانى تۈزىتىش كېرەك . سېنى ئەڭ كۆپ كەچۈرىدىغان كىشىنىڭ كىملىكىنى بىلەمسەن ؟ سېنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىمۇ ؟ ياق ! ئۇمۇ سېنى سېنىڭ ئاناڭدەك سېنى چىن كۆڭلىدىن كەچۈرەلمەسلىكى مۇمكىن . چۈنكى ھەربىر قېتىملىق خاتالىق كۆڭۈلنى غەش قىلىپ ، ساڭا ساۋاق بېرىپ ماڭىدۇ . پەقەت سېنىڭ ئاناڭلا سېنى چىن كۆڭلىدىن كەچۈرىۋېتەلەيدۇ . ئەگەر بىرى سېنى كەچۈرىۋېتەلمىسە ، سەن توغرا چۈشەن ! ئۇنىڭدا كەم بولغىنى كەڭ قورساقلىق . بۇ خىل پەزىلەتنى ھەممىلا ئادەمدىن تاپقىلى بولمايدۇ ! سېنى كەچۈرمىسە ، سەنمۇ بۇنىڭدىن ئىبرەت ئال . لېكىن باشقىلارنىڭ كەچۈرىشىگە موھتاج بولۇپ قالمىغىن !


تۆت قۇلاق قەلىمىدىن

2016 ـ يىلى 8 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى 







357 قېتىم كۆرۈلدى sansiz99 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-8-31 19:03:44  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-9-2 14:22:42 aynur
omak adax bak yahxi yezipsan .dawamlik tirix
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ