بۇرادەرلە
ئېزىزجان تۇرسۇن (ئەلباش )
كىتىپ قالسام مىنى يامان دىمەڭلار ،
بىرگە ئويناپ كۈلۈپ ئۆتكەن بۇرادەرلە .
ھىچ نوقسانسىز ياشالمىدىم ھاياتنى ،
نۇقسانىمنى سورىماڭلار بۇرادەرلە .
ماختاڭلاردەپ ئۆتۈنمەيمەن سىلەردىن ،
خەخ ئالدىدا چۆكۈر مەڭلار بۇرادەرلە .
ياخشى ئىشمۇ قىلغان دىمەن بەزىدە ،
ياخشىلىقنى ئۆچۈرمەڭلار بۇرادەرلە .
دوقمۇشلاردا پاراڭ تولا تۈگىمەس ،
قىتىپمىنى چوقۇشماڭلار بۇرادەرلە .
شۇ پاراڭدا چىقىپ قالسا ئىسمىم ،
مىنى چەتكە قىقىش ماڭلار بۇرادەرلە .
بىر نان تاپساق بۆلۈپ يەيتۇق نەچچىگە ،
بىر بۆلەك مەن ئۇنۇتماڭلار بۇرادەرلە .
دوسلار قاتار ئىسىم ئويغان تىرەكلەنى ،
سۇ سىز قويۇپ قۇرۇتماڭلار بۇرادەرلە .
بىز يەتكۈچە ھەقىيقى دوس قەدرىگە ،
سەپتىن چۈشۈپ قالدى قانچە بۇرادەرلە .
ئۇنتۇپ قالساق قانداق بولار شۇلارنى ،
ياخشى بولماس بىزگە ئانچە بۇرادەرلە .
ساز كەلتۈرۈپ ماختايدىسەم بىر نەپەس ،
نەپسىم مىنىڭ بوغۇلدىغۇ بۇرادەرلە .
نەسەۋەپتۇر دىسەم ئىكەن سىغنىش ،
ئۇچۇشقا قانات بوغۇلدىغۇ بۇرادەرلە .
ئەمدى خەيرى كەتسەم ئامان بولۇڭلا ،
ھەرنەپەستە سىلەر ئەستە بۇرادەرلە .
يامان بولاي ياكى ياخشى،دوستۇڭمەن ،
ساقلىغايسىلەرمىنى ئەستە بۇرادەرلە .
ئېزىزجان تۇرسۇن (ئەلباش)
2016-7-3
| 90 قېتىم كۆرۈلدى | ئېزىزجان تۇرسۇن (ئەلباش ) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-18 15:59:10 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|