يىتىملىك
ئابدۇقەييۇمجان ( ئەختەر )
ئاھ، جىنىم ئانا !
بۇ ئەڭ ئاخىرقى قىتىم ساڭا يىلىنىشىم بولۇپ قالسۇن ، ئەڭ ئاخىرقى قىتىم ! ئانا ، سەن كەتكەندىن كىيىن دادام قىلىدىغان ئىشىنى تاپالمايلا قالدى،ئۆينىڭ ئىشلىرىنى سىڭلىم ئىككىمىز كۇچۇمىز يەتمىسىمۇ چىداپ تۇرۇپ قىلاتتۇ.
ئادەم قىلىمەن دىسە قىلىشقا ئۇرۇنسا كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارنىمۇ قىلغىلى بولىدىكەن،
مەن گەرچە ئوغۇل بالا بولساممۇ، سىنىڭدىن كۆرۋالغىنىم بويىچە تاماق ئىتەلىدىم، كىر يۇيالىدىم كىچىككىنە غىرىپ ئۆيىمىزنى سۇپۇرۇپ تازلىيالىدىم. بىرقىتىم سىڭلىمنىڭ ئوچاق ئالدىدا ئوت تۇتاشتۇرالماي ئۆكسۇپ يىغلاپ يۆتۈلۈپ كەتكىننى كۆرۇپ ئىچىم شۇنداق سىرىلىپ كەتتى.جىنىم ئانا ! ئىسىڭدىمۇ، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا بىزنىڭ ئائىلە بەكمۇ ئىللىق بىر ماكان ئىدى. دادام ئىتىز ئىشلىرنى بىرىلىپ قىلاتتى،مەن بولسام ئۇتۇن يىرىپ سۇ ئەكىرەتتىم.سەن بولساڭ تاماق ئىتەتتىڭ،ئوماق سىڭلىم بولساھويلىدا«كىپىنەك » ناخشىسنى ئىتىپ چۆرگىلەپ ئۇسۇل ئويناتتتى. بىز شۇ چاغلاردا شۇنچە نامرات تۇرمۇش كەچۇرەتتۇق. لېكىن بىز شۇنچە قىيىن سارائىتتا بىر - بىرىمىزگە مۇھاببەتلىك كۆزلەردە بىقىشمقانمىدۇق ؟ ئانا،سەن بۇ ئۆيدىن كەتكەندىن كىيىن دادام ئۆزگەردى ئىتىز- ئىرىق ئىشلىرى تاشلىنىپ قالدى، كىيىنچە دادام تىخىمۇ ئۆزگىرىپ ئۆيگە كىرمەس بولۇپ قالدى،كىرسىمۇ غىرىق مەس ھالدا كىرەتتى ،ئەتتىگەندە بىز قويلارغا ئوت ئىلىپ كىرگەندە بولسا ئۇ يوق،ئۆي ئىچى شۇ پىتىچە قالايمىقان ھالدا تۇرغان. ئاھ جىنىم ئانا، شۇنداق چاغلاردا سىنى بەكمۇ سىغىناتتۇق، سېنىڭ ئۆيلەرنى سىرىپ سۇپۇرۇپ ، شۇنچىلىك رەتلىك تۇتقان ھالىتىڭ كۆز ئالدىمىزغا كېلىپ تەڭلا يىغلاپ كىتەتتۇق ئانا ! ئۆيدە يالغۇز قالغان كۇنلەردە ئۆزىمىزنى بەكمۇ غىرىپ ، يار - يۇلەكسىز قالغانلىقىمىزدىن ئىچىناتتۇق دە ، سىلەرنىڭ يىنىمىزدا بولىشىڭلارنى ، كۆڭلىمىز يىرىم بولغان ۋاقىتلاردا ئۆزىمىزنى ئىتىپ باللارچە ئەركىلەشكە ،ھەم سىلەرنىڭمۇ شۇ ئاتا - ئانىلىق مېھرى ئارقىلىق چىن كۆڭلىڭلاردىن سۆيىشىڭلارغا شۇنچىلىك تەشنا ئىدۇق !
جىنىم ئانا ، كىيىن دادام ئۆيىمىزدىكى قوينى،بىردىنبىر پۇلغا يارايدىغان تۆت قويىمىزنى سىتىۋەتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۆيدە جىنىمىزنى ساقلاپ قىلىشقا پەقەت ئىككى تاغار قوناقلا قالدى ، بىز بۇ «ھايات ئۇزۇقى » بىلەن ئازغىنە كۇن ئۆتكۇزدۇق ، بۇ بىر نەچچە كۇندە ئۆلمىدۇق ئەمما ئۇنىڭ بىرى بولۇپ ياشىدۇق ... دادامنىڭ بىزبىلەن كارى يوق ،ئۇبىزنىڭ مەۋجۇتلىقىمىزنى ئۇنتىغاندەكلائىدى بىر كۇنى بىر نەچچە ئادەم ئۆيگە كىرىپ بۇ ئۆينى چاقىدىغانلىقىنى ،دەرھال ئۆينى بىكارلاپ بىرىشىمىزنى ئىتتى ، قوشنىلاردىن ئۇقۇشساق دادام ئۆينى ئۇلارغا سىتىۋىتىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن بىز بۇ ئۆيدىن،كىندىك قىنىمىز تۆكۇلگەن يەردىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدۇق. ئۆيدىن ئايرىلغان بىلەن « دادام بىزنى ئىزدەپ قالار» دىگەن ئۇمۇتتە مەھەللىمىزدىن كەتمەي ئۇچ كۇننى ئۆتكۇزدۇق .قورسىقىمىز ئاچسا قوشنىلارنىڭ سەۋزىلىرنى ئوغۇرلاپ كىلىپ يىدۇق ، كىچىلىرى داق يەردە ئۇخلىدۇق ، شۇنچىلىك ساقلىغان بولساقمۇ دادام كەلمىدى. بىز ئاخىرى ئامالسىزكىچىك تۇرۇپلا يىتىملىك يولىغا قاراپ ماڭدۇق ماڭغان يوللىرىمىزداتىلەمچىلىكقىلىپ جىنىمىزنى جان ئەتتۇق.بوۋام بىلەن مومام ھايات بولسا ئىدى دادام بىلەن ئىككىڭلاربىزنى يىتىملەر كوچىسىغا ئىتتىرۋەتمىگەن بولاتتىڭلار،بىزمۇ بۇنداق كۇنگە قالماس ئىدۇق جىنىم ئانا ! !
ئانا ، بىر كۇنى بازاردا سىنى كۆردۇم ، لىكىن يىنىڭدىكى ئادەمدىن ئەيمىنىپ قىشىڭغا بارالمىدىم .ئىزىڭغاچۇشۇپ ئۆيۇڭنى كۆرۋىلىپ،سىنىڭ ھازىرقى « ھەشەمەتلىك » ئۆيۇڭنى ئەگىپ يۇردۇق ،سەن ھەركۇنى بوۋامدەك بىرئادەم بىلەن چىقىپ كىتىپ ، يەنە شۇ ئادەم بىلەن قايتىپ كىلەتتىڭ ،سىڭلىم سىنى تونىمىدى چۇنكى سىڭلىم سەن كەتكەندە كىچىك ئىدى ،تۇرۇپ سىڭلىمنىڭ سەندەك «ئانىسىنى »تونىمىغىنىدىن خۇشال بولدۇم . ئىچىمدە سىنىڭ يالغۇز چىقىپ قىلىشىڭنى تىلەتتىم،سىڭلىم ساڭا ھەم ھەشەمەتلىك ئۆيۇڭگە بەكمۇھەۋەس قىلاتتى. تەڭرىنىڭ رەھىمى كەلدىمۇ بىر كۇنى سەن يالغۇز چىقتىڭ،مەن ئالدىڭغا بىرىپ يالۋۇردۇم،تىزلىنىپ تۇرۇپ يىقلىدىم .تەڭرىگە شۇكرى،ھەرنىمەبولسامىنى تونۇدۇڭ،تونۇڭيۇ لىكىن ئۆزىڭگەئوخشىمىغان ھالدا گىدىيىپ تۇرۇپ « يۇزۇمنى چۇشۇرمەي يوقال ، بىرىپ داداڭنى ئىزدە ، مىنىڭ بىرلا بالام بار سىلەردەك بالام يوق »دەپ قورسىقىڭنى كۆرسەتتىڭ ، جىنىم ئانا ! سەن بىزنىمۇ ئەنى ۋاقتىدا شۇ بالاڭغا ئوخشاش قورسۇقىڭدا
كۆتۇرگەن ئىدىڭغۇ!بىزنىمۇ سەن تۇققان ، ئەمدىلىكتە بولسا ئۆزۇڭنى قاچۇرۋاتىسەن جىنىم ئانا ! !
ئاھ ، جىنىم ئانا ، قىش كىرىپ قالدى مەنمۇ جىنىمنى باقارمەن، ئەمما بىچارە نارسىدە سىڭلىم چۇ ؟ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولالمايمەن،ئۇنى يالغۇز تاشلاپ ئەسلا ماڭالمايمەن ئانا ، ئۇ مىنىڭ سىڭلىم ، بىر تۇققان قىرىندىشىم، ئۇنى دەپ بارچە جاپالارنى تارتىشقا تەييار ئىدىم ، لېكىن ئوقۇشتىن ئىبارەت يۇكسەك بىر گۇلخان مىنى، يۇرۇكىمنى پۇچۇلاندۇردى، شۇسەۋەپ سىڭلىمغا بىرەرسىنى قارتىپ ئۆزۇمنى ئىلىم شەربىتىدە سۇغۇرۇپ ئىستىكىمنى قاندۇرماقچى مەن.شۇڭا دادامنى ئىزدىگەن ئىدىم تاپالمىدىم ، ئەمدى سىنى پاناھ تارتىپ كەلدىم جىنىم ئانا ! !
ئانا، بىز سىلارنىڭ دادام ئىككىڭلارنىڭ يۇرەك پارەڭلار، ياشلىقىڭلاردىكى ساپ ، پاك مۇھابىتىڭلارنىڭ مىۋىسى ئەمەسمۇ ؟ بىز سىلەرنىڭ قىنىڭلاردىن ئاققان بىر تامچە ، يىلىكڭلارنىڭ بىر پارچىسى ، بىزنى شۇنداقلا تاشلىۋەتتىڭلار ، بىرەرنىڭ قولىنى پىچاق تىلىۋەتسىمۇ شۇنداق ۋايجانلاپ كىتىدىكەن لىكىن سىلەر بىزدەك يۇرەك پارەڭلەرنى يۇرىكىڭلاردىن ئىلىپ سۇغۇرۇپ تاشلىۋەتتىڭلار،ئەجىبا سىلەر بۇنىڭ ئاغرىقىغا چىدىقانسىلەرمۇ !؟ ...
خەيىر ئانا، خىتىمنى ئاخىرلاشتۇراي، بۇخەتنى ئوقۇۋاتقىنىڭدا سىڭلىمنى ئۆيۇڭ ئالدىدا قالدۇرۇپ كەتكەن بولىمەن جىنىم ئانا ! سەندىن ئۆتۇنەي ، ئۇنى ئۆيۇڭگە ئەكىرۋال ، بىچارە سىڭلىم سوغۇقتا توڭلاپ قالمىسۇن ،ئۇنى بالاڭ قاتارىدا كۆرمىسەڭمۇ ،ئۇنى مېھرىڭ بىلەن ئەركىلەتمىسەڭمۇ مەيلى، ئۇنى مالاي قاتارى كۆرۇپ ئىشلىرىڭغا سال ، كىرلىرىڭنى يۇسۇن ، تاماقلىرىڭنى ئەتسۇن ، ھەر قانداق يۇگۇر يىتىم ئىشلىرىڭغا سال ، بۇ ئىشلار سىرىتتا باشقىلارنىڭ قولىغا تەلمۇرگەندىن مىڭ ھەسسە ياخشى،مەن بىلىم ئالاي،ئۇگۇنەي ، مەنغۇ كەچنى ناۋايلارنىڭ تونۇرلىرى، پاخال دۆۋىلىرىدە جىنىمنى جان ئىتەرمەن، شۇ سەبي، پاك سىڭلىمنى ساڭا تاپشۇردۇم .
ئىسىڭدە بولسۇن ئانا ! يەنە بەش يىل ، پەقەت بەش يىلدىن كىيىنلا سىڭلىمنى ئىلىپ كىتىمەن ، ئۇنىڭغا ئوبدان قارا ، يەنە بەش يىلدىن كىيىن كۆرۇشكىچە ساڭا بەخىت، سىڭلىمغا خاتىرجەملىك تىلەپ .
-- بەختسىز ئوغلۇڭدىن
2015 - يىلى 9-ئاينىڭ23-كۈنى
474 قېتىم كۆرۈلدى | AHTAR | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-23 0:48:49 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-1-11 18:10:33 | يۇلتۇز |
دۇنيادا راستىنلا شۇنداق رەزىل ئاتا- ئانىلار بارمىدۇ ؟ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|