ئۇلار شۇنداق غىرىپ بەندە
ئاپتۇرى: مەخسۇم ھىپىز(ئاققاش)
(مەرھۇم ئاپام تۇنساگۇل ھىكىمگە بىغىشلايمەن)
ئانام باققان بىزنى تەستە،
بىز بۆشۇكتە ئۆزى پەستە.
ئىشلىرى بار دەستە دەستە،
نىمە ئىش قىلسا بالا ئەستە .
تەتە قىلدى مىنى بىقىپ،
ئۇتتا كۆيۇپ سۇدا ئىقىپ.
بالابىقىپ تاڭدا يىتىپ،
چىداپ ئۆتتى ياماپ كىيىپ .
بىر چاغ ئىدىم كەپسىز بالا ،
ئۇيناپ يۇرگەن تالادىلا.
كىيمىم بۇلسا ئالا بۇلا،
ئانام دەيدۇ قارا ساڭا .
ئانام تىللاپ يۇدى كىرنى ،
ئاچچىق بىلەن ئۇردى بىرنى .
چاپە دەيتىم تال چىۋىقنى ،
ئاڭلاپ تۇرۇپ شۇنداق تىلنى .
دادام ماڭسا نامازغا دەپ،
ئانام مىنى مەكتەپكە ئەپ .
سىڭلىم قالار يالغۇز ھەجەپ،
ئانام كەلسە يىغلاپ ھە دەپ .
مەن باقمەن ئۇكامنى كۈندە،
ئانام يەنە ئۆينىڭ غىمىدە.
ئۇلاغ بىقىپ كەچ كىرگەندە ،
ئۇلار شۇنداق غىرىپ بەندە!!!
دىھقان ھىرىپ بۇغداي تىرىپ،
بالا بىقىپ كەتتى قىرىپ.
قىرىپ يەنە نەۋرە بىقىپ ،
ئۇيلار بىزنى كىسەل يىتىپ .
ھايات يەنە داۋام ئىتەر ،
ئۇلار شۇنداق غىرىپ كىتەر .
ئانام قىنى دىگەن چاغدا ،
ھەممە ئىشنىڭ ۋاختى ئۆتەر!!!!
250 قېتىم كۆرۈلدى |
maryamgul |
ئەسەر يوللىغۇچى : |
2016-11-23 12:43:48 |
|
:يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-2-14 7:33:33 |
ياخشى يىزىپلا قوللىرىغا دەت بەمىسۇن |
بەك ياخشى بوپتۇ |
2016-11-29 22:31:07 |
مەريەمگۇل تاشمەمەت |
بەك ياختۇردۇم ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق غىرپ بەندىلەر ئۇ،،،،،تىخمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يىزىپ چىقشڭىزغا تىلەكداشمەن |
2016-11-28 12:18:30 |
مۇساجان |
مەخسۇم ئاداش ياخشې يېزپسە |
2016-11-28 12:16:47 |
مۇساجان |
ئاداش بەك ياخشې يېزېپسە قالتس باركاللا |
2016-11-26 20:30:05 |
ئابدۇۋەلى |
ھەقىقى ياخشى يېزىلپتۇ |
2016-11-26 9:45:13 |
زەينەپ |
ئۇلار شۇنداق غىرىپ بەندە |
2016-11-25 21:25:54 |
تايىر |
ئۇلار شۇنداق غىرپ بەندە ،،،دىگەن شىئىر ناھايتى ياخشى يىزلىپتۇ |
ئىنكاس يېزىڭ