ئۆمۈر ھەقىقەتلىرى
ئىلياس سابىر «ئاققاش»
ئۆز يېقىنداشىم ئارا قالدىم ئىزالەرگە مانا ،
شەك قويۇپ كۆڭلۈم توپا سالدى غىزالەرگە مانا.
بىلىم تەھسىل قىلىش بىرلەن ئەقىل قايدايوق ئىنسان،
بوي سۇنۇپ تەقدىرگەمەن كۆندۈم مىزانلارگەمانا.
چاغلىرى باردۇر ھەرگۈلنىڭ ئېچىلار ۋاختى ئايان،
چىققاي شاھى مۆتىۋەر زەر پاياندازلارگە مانا.
غالىپ كىلەلمەستۇر ھامان قارا ئاقلار ئۈستىدىن،
نە سەۋەپ بولدى بۈگۈن قارا تەگدى قارگە مانا.
زىننەتلىمەك يارلىق ئەمەس ھويلا،ئارام،ئايۋاننى،
شۇ سەۋەپ جۇدۇن تەگدى كۆڭلۈمدىكى يارگە مانا.
بۇلبۇل كىلىپ ئاڭلار مىنىڭ نالەپەرياد زارىمنى،
تېنىم پايانداز بولسۇن،زاتى مۆتىۋەرگە مانا.
چاغلىرى نادامەتنىڭ تۆكۈلدى ئۈشبۇ باشىمگە،
شۇ سەۋەب ئاققان يېشىم دەريا بوستانلارگە مانا.
جامالىم سۇلغۇن ھامان ھۆر زاتىنى كۆرگەن ۋاقىت،
سوراپ كەلدىم داۋايىنى يۈكلەپ دانالارگە مانا.
شۇدەم ئاتلىنىپ چىقتىم،كىيىپ ساۋۇت،خەنجەرلىك،
ھەم شۇ چاغىم ئوخشماس پىرى چەۋەندازگە مانا.
خارلىنىپ تۆۋەن باشىم ئەل ئىچىدە رىغبەت ئاڭا،
سۆزدىن-سۆزگە تارقىلىپ،يەتتى زۇۋاندازگە مانا.
كۈتەلمەستىن ئارمانىمنى سۇلدى شاتلىقنىڭ گۈلى،
كۆڭلۈم كىشەندە باغلاندى،دەرت پىغانلارگە مانا.
ياندۇرۇپ پۇرالماسمەن ئەمدى قايتا رەيھان گۈلى،
دۇنيالىقىم جاۋاپتۇر تۈمەن سۇئاللارگە مانا.
141 قېتىم كۆرۈلدى | elyasakkax | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-1-4 0:44:57 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-1-15 18:22:39 | yahxi yizipsan tihimu tirixkin ukam |
Yahxi |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|