مېنى سۆيگەنلەر نەدە؟ - ئۈمىد تۇراف زامانى

مېنى سۆيگەنلەر نەدە؟

ئۈمىد تۇراف زامانى (رەڭ) 


بوۋام مېنى چىن كۆڭلىدىن سۆيەتتى،
سۆيۈپ تۇرۇپ كەتتى يىراق بىريەرگە.
يەنە كىملەر مېنى سۆيمەك بولغاندۇ،
سۆيگەنلەرمۇ بەلكىم تىگەر يات ئەرگە.

كۆڭلۈم پەقەت بىر جايلارنى خالايدۇ،
ئۇ جاي نامى داڭقى چىققان مۇھەببەت.
ئىھتىمالىم بۇ مۇھەببەت جەننەتتە،
بوۋام شۇڭا مۇھەببەتتە ساقلايدۇ...

مېنى سۆيگەن ئاشۇ گۈزەل ئىنسانلار،
جەننەتلەردىن مېنى تاپاي دىسەڭلار.
ئازاپلارنى شەيتانلارغا ئەپ قويۇپ،
گۇناھلاردىن مېنى دەرھال توسۇڭلار.

مەن سۆيگەن ،مېنى سۆيگەن ئىنسانلار،
سېنى سۆيدۇق،كەل ئەزىزەم كەل دەڭلار.

  2016.11.27
     





119 قېتىم كۆرۈلدى Turaf ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-28 1:09:52  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-1 14:06:16 ruxan
bak yahxi yizlip tu
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ