گۇلاخما

 گۇلاخما

سەھرا ئوغلى

ئىسمى ھەم جىسمىغا ئەجەپ ماسلاشقان ،
يۇرتلارنىڭ سەركىسى ئىسىل گۇلاخما.
يىگىت ھەم قىزلىرى شەرمى -ھايالىق ،
ئەخلاقنىڭ ئۈلگىسى ،سالام گۇلاخما.

تارىخى بەتلەردە «گۈلخان»نامى بار،
كۈمەچنىڭ«ئاتىسى» گۈزەل گۇلاخما.
ياتلىماس ھەر جايدىن كەلگەن قەدەمنى،
ئىسىللار جەمگاھى يۇرتۇم گۇلاخما.

مۇنبەتلىك نامايان «ئۇچۇم»تۇپراقتا،
چۆلدىكى بوستانلىق گۈزەل گۇلاخما.
سىنىڭدە جەملەنگەن بارچە ئىسىللىق ،
ئالغا باس توختىماي ياشنا گۇلاخما.
     





116 قېتىم كۆرۈلدى sahraogli ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-2 10:46:34  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ