ھىجران (شېئىر) - مەدىنە ئىبراھىم

ھىجران
مەدىنە ئىبراھىم


ساقلىدىم كىملەرنى تاڭلار ئاتقۇچە ،
كەلمىگەچ قېشىمغا قالدىم ھالسىراپ  ،
مۆھۈردەك يادلىنار ئۆلۈپ كەتكۈچە ،
شۇ سوغۇق نەزەردىن چەكتىم ئىزتىراپ.

باھاردا لەگلەك بوپ ئۇچتۇم يىراققا ،
سار كەبى كۆكلەردە قىلدىم مەن  پەرۋاز ،
ھاياجان ئايلىنىپ ئېغىر چاقچاققا ،
يىپلىرىم چىرمىدى بولالماي تەنناز .

ھاياتنىڭ سىنىقى قىيناپ نەچچە رەت ،
جۇدۇندا روھىمنى قىلدىغۇ سۈرگۈن ،
بىلدۈرمەي دەردىمنى يوشۇرۇپ خىلۋەت ،
ئىچىمدىن ئېچىلىپ كۈلمۈدۈم بىر كۈن . 





207 قېتىم كۆرۈلدى مەدىنە ئىبراھىم ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-8 3:46:29  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-1-17 13:34:30 ئىقبال
شېئېرىڭىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۇبلىتىنى ياقتۇردۇم
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ