مۈشكۈل ۋىسالىڭ (شېئىر) - مۇھەممەت رىشات

 مۈشكۈل ۋسالىڭ

مۇھەممەت رىشات دىلقۇت


كۆزئالدىمىدىن كەتمەس پەقەت سنىڭ رۇخسارىڭ،
ھاياتىمىدىن جۇدا قىلسا مەيلى زىنىدانىڭ.
دىۋانە بوپ ئالدىڭىدا مەن بولدۇم بىچارە،
سەن بۇلاققا چۈشكەن ئايدەك مۈشكۈل ۋسالىڭ.

شەمۇ-شەھەر ئىزلەپ يۈردۈم سنى تاپالماي،
تاپىقنىمدا تەرلەپ كەتتىم گەپنى قىلالماي.
ئۇدۇل كەلسەڭ بىھۇش بولدۇم ھىچبىر قاچالماي،
ئىرىپ كەتتىم خۇددى شامدەك مۈشكۈل ۋسالىڭ.

قىزىل گۈلنى تەقدىم قىلدىم جۇت شىۋىرغاندا،
كۆرەلىمىدىم خۇش چىھرىڭىنى گۈل ئىچىلغاندا.
يالغۇز قالدىم جۈپ يۈرەكلەر چىڭ قىتىلغاندا،
كۈل قىلۋەتتىڭ خۇددى ئوتتەك مۈشكۈل ۋىسالىڭ.

ئىشقىڭىدا مەن بىمار بولدۇم تىۋىپى ئۆزۈڭ،
جاننى ئىلىپ زەپ قىينىدى سھىرىلىك كۆزۈڭ.
قاغىجىرىغان يۈرىكمىنىڭ زەم-زىمى سۆزۈڭ،
بىر كۆرۈپلا بولدۇم مەستتەك مۈشكۈل ۋىسالىڭ.

2017.4.3





35 قېتىم كۆرۈلدى مۇھەممەت رىشات دىلقۇت ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-14 9:01:29  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ