كەلمىدىڭ

كەلمىدىڭ

 

ئەسقەر قۇربان

 

ئايدىڭ كېچە تىمتاسلىققا چۆمگەندە،

 ھىجرانلاردا بەك قىيلىنىپ يۈرگەندە.

تولۇنئايمۇ ماڭا قاراپ كۈلگەندە،

نازلىق بېقىپ كۆلۈمسىرەپ كەلمىدىڭ.

 

سۆيگۈ ئازاپ دېڭىزىدا ئۈزگەندە،

 مىڭبىر ئۆلۈپ مىڭ تىرىلىپ يۈرگەندە.

 بەك قىيلىنىپ تەندە ماغدۇر كەتكەندە،

 قانداق ھالىڭ دەپ سوراپمۇ كەلمىدىڭ؟

 

 مۇھەببەتتىن گۈللەر پۇراق چاچقاندا،

 پاك قەلىبتىن سۆيگۈ بېرىپ كۈلگەندە.

 كېلىشىڭنى زارىقىپ ھەم كۈتكەندە،

قۇچاق ئېچىپ ماڭا گۈلۈم كەلمىدىڭ.

 

 مەنبە: كۈندىلىك خاتىرەمدىن ئېلىندى

ئاقسۇ _ كەلپىن 2016. 1.12





126 قېتىم كۆرۈلدى ikbal ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-4 21:04:44  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ