شېر كەيىپ بالا - مەمەتجان ئابدۇكېرىم

 شېر كەيىپ  بالا

مەمەتجان ئابدۇكېرىم (رەڭسىز )

بۈگۈن كەچ،
باشقىچلا تۇيۇلدى  دۇنيا ،
ئاپئاق قار ئايلاندى گۈلگە،
ياپراق ئ‍ۈندى قاقشال كۆڭۈلگە ·
-كەل
قۇيغىن شاراپ
         -مەنمۇ مەس بولاي،
سۆيۋىلاي مەڭزىگە ·
كەل مەيدەمگە ئ‍ۇر ،
         -تىللا  ھارغۇچە،
قۇللا تالغۇچە .
كەل سۆي لېۋىمگە،
         -ھاياجان بىلەن
لەۋلە قانغۇچە ·
     -كۇپايە ماڭا
ئاپئاق قار چۈشكەن بۇ كېچە·
كەل بوينۇمغا ئ‍ېسىل ،
مېنىڭ ئوغلۇمدەك ،
كۆرۈندۇ ھەممە خىيالدەك·
    -ۋاھ···
مەس بولۇپ قاپتۇ بۇ دۇنيا ،
مايماق دەسسەپ يۇرەر بىنالار ،
ناخشا توۋلاپ . . .
گۈلسەيدىخاننى ياكى بورانلىق كىچىنى،
كەتتى قوغلاپ
         - شىر كەيىپلىكنى ·
كەل جىنىمغا قېتل ،
يات كۆرمەيدۇ سىنىڭ تىنىڭنى ،
ئ‍از قالغان بولسىمۇ ھايات ،
ئ‍ىلىپ كەتسۇن سىنىڭ مىھرىڭنى ،
مايماق دەسسەپ ·
-يەنە
ناخشا توۋلاپ
تاماكا ئىسىدەك
         -ئ‍ەتراپقا تاراپ ·

-يەنە
قۇيغىن شاراپ
مەنمۇ مەس بولاي ،
         -شىر بولاي
كۆكتە ئ‍ۇچاي ·
گۈزەل دۇنياغا ،
تار كوچىلارغا ،
مەنمۇ ئ‍ىز سالاي ،
قىڭغىر دەسسەپ .
.............
       
         -  رەڭسىز
2016-يىلى 11-ئاينىڭ 28كۈنى
         -كەچ
     





120 قېتىم كۆرۈلدى ragsiz ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-30 2:39:59  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-2 23:14:42 بەردەم
بەك ياخشى چىقىپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ