ئانىجانىم قەدرىڭ ئۆتۈلدى (ناخشا تېكىستى)- تۇرسۇنجان قايىم ئىقبالى

ئانىجانىم قەدرىڭ ئۆتۈلدى
(ناخشا تېكىستى)
ئاپتۇرى: تۇرسۇنجان قايىم «ئىقبالى»

ئانا سەندىن ئايرىلىپ غەملەرگە قالدىم،
ھەر كۈنى ھەسرەتتە كۆزگە ياش ئالدىم.
سىمايىڭ  كېتەلمەي  پەقەت  ئالدىمدىن،
تۇيۇقسىز ئانا دەپ ۋارقىراپ  سالدىم.

يالغۇزلۇق غېرىپلىق  بولدى ماڭا يار،
كۆڭلۈم غەش بۇلۇپ ئۆتتى ئاھۇ زار.
سىغدۇرالماي ئازاپنى ئىچىمگە يۇتۇپ،
بۇ ئالەم تۇيۇلدى ھەجەب بەكمۇ تار.

كىتەلمەي  قەبرەڭنى مەھكەم قۇچاقلاپ،
بۇقۇلداپ ھەسرەتلىك كۆزۈمنى ياشلاپ،
بىر سېنىڭ قەدرىڭ ئۆتۈلدى ھەجەب،
غەم قايغۇ ئەلەمنى ئېپ كەلدى باشلاپ.

2016.12.25.كۈنى  كېچە
ئەمگىكىمگە  ھۆرمەت  قىلىڭ  : يىتىمسىراپ   قالمىسۇن، ئىشلەتسىڭىز   ئالاقلىشىڭ  ، ئۈندىدار  1934220673   TEL18167511768
     





35 قېتىم كۆرۈلدى ihbali ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-26 3:47:14  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ