سۆيگۈنۈمنى ئۇنۇتتۇڭمۇ ؟

 سۆيگۈنۈمنى ئۇنۇتتۇڭمۇ ؟

گۈلزىرە مەخمۇت

 

چۈشلىرىمدىن سې ئىزدەيمەن ، چۈشۈمدىمۇ سەن يوق ! چۈشلىرىمدىن ئويغىنىپ يەنە سېنى

ئەسلەيمەن ، بىراق سەندىن ھېچبىر خەۋەر يوق . سۆيگۈنۈمنى ئۇنۇتتۇڭمۇ ؟

 يانفونۇمنى قولۇمدىن چۈشۈرمەيمەن . سەندىن يەنىلا خەۋەر يوق ، بىر تال ئۇچۇر ، بىر تېلىفون……سەن سۆيگۈنۈمنى ئۇنۇتتۇڭمۇ ؟

565656 248.JPG

 گويا ئاۋازىڭنى ئاڭلىغاندەك ، كىشىلەر ئارىسىدىن سېنى ئىزلىدىم ، ئەمما سەن يوق ! كىشىلەر ئارىسىدا سەن يوق ! ئەجىبا سۆيگۈنۈمنى ئۇنۇتتۇڭمۇ ؟

 سۈرىتىڭگە قاراپ ئولتۇرماقتىمەن ! ئاشۇ جانسىز سۈرەتتىن ھېچبىر سادا چىقمىدى . سېنىڭدىنمۇ سادا يوق ، سۆيگۈنۈمنى ئۇنۇتتۇڭمۇ ؟

يىراقلارغا قاراپ سېنى ئەسلىدىم . سېنى نېمە قىلىۋاتقاندۇ ، ياخشى تۇرىۋاتقانمىدۇر، دەپ ئويلىدىم . سەنمۇ مېنى ئەسلەمدىغانسەن ؟ بىلمىدىم ، سەن سۆيگۈنۈمنى ئۇنۇتتۇڭمۇ ؟

 چەكسىز كەتكەن كەڭ دالىلارغا قاراپ خىيال سۈرۈپ قالدىم . بەزىلەر تاغدا ، بەزىلەر ئورماندا ، يەنە بەزىلەر قۇمدا ساياھەتنى باشلىۋەتتى……سەن نەلەردە يۈرۈيدىغانسەن ؟.... قارا ، مەنمۇ چىملىقلار ئارىسدا ئايلىنىپ يۈرمەكتىمەن . كۈن تۈنگە ئۇلىنىپ ، تۈن كۈنگە ئۇلىنىپ ، بۇ يازمۇ ئاخىرلىشاي دەپ قالدى ! ئىككىمىز ئاشۇ ئەتىيازدا كۆرۈشكەن پېتى ، سەن ئۈن-تىنسىز يوقاپ كەتتىڭ !..... قارا ، بىر پەسىل ئالمىشىش ئالدىدا تۇرماقتا . ھەيرانمەن ، مەن ھەقىقەتەنمۇ ھەيران ! نېمە سەۋەپ بولغاندۇر بۇنداق يوقاپ كېتىشىڭگە ؟! چۈشەنمىدىم ، بىلمىدىم . سۆيگۈنۈمنى ئۇنۇتتۇڭمۇ ؟ .....

باشقىلارنىڭ كۈلكىسىنى كۆرگەندە سەن يادىمغا كېلىسەن . « دەردىم ئىچىمدە ! » دەپ كۈلگەن ئىدىڭ بىر چاغلاردا . ھازىرچۇ ؟ نېمىلەرنى قىلىپ يۈرۈيسەن؟ نېمىلەر بىلەن ئالدىراش سەن ؟ سېنىڭ ئىشلىرىڭدىن خەۋەر تاپالمىدىم..... سېنىڭ كۈلكەڭنى شۇنچىلىك سېغىندىم. لېكىن سەن يوق ! ئېيتقىنە ، سۆيگۈنۈمنى ئۇنۇتتۇڭمۇ ؟

 چۈشىنىشىمنى ئۆتۈنگەن ئىدىڭ ، توغرا چۈشىنىۋاتىمەن ھېلىھەم ! لېكىن چۈشىنىشنىڭمۇ چېكى بارغۇ ؟ سەن نېمە قىلماقچى ؟  نېمە دېمەكچى ؟ مەن بىلەن مۆكۈشمەك ئوينىماقچىمۇ ؟ نېمە قىلىۋاتقىنىڭنى ئەسلا بىلەلمىدىم . لېكىن سېنى داۋاملىق ساقلىيالماسلىقىمدىن قورقۇپ قېلىۋاتىمەن . دېگىنە ، سەن سۆيگۈمنى ئۇنۇتتۇڭمۇ ؟

<< تەقدىر - پېشانىدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ ، پېشانەڭگە پۈتۈلمىسە ھېچنىمە قىلالمايسەن !>> دېگەن ئىدىڭ ، ئەجىبا تەقدىر دەپ سۆيگۈنۈمنى ئۇنۇتتۇڭمۇ ؟

تۇرمۇشنىڭ قايناملىرىغا چۆكۈپ كېتىۋاتىمەن ! چىشىمنى چىشلەپ ، ئۆز-ئۆزۈمگە مەدەت بېرىپ ئۆتۈۋاتىمەن ! مۇشۇ كۈنلەردە سەن يوق ، سۆيگۈمنى ئۇنۇتتۇڭمۇ ؟

 « مەندىن ۋاز كەچمىگىن ! » دېگەن ئىدىڭ ، بىراق مەن سېنىڭ « سېنىڭدىن ۋاز كەچمەيمەن ! » دېيىشىڭنى بەكرەك خالايتىم . سەن مېنى يالغۇز قويدۇڭ ، قېنى سەن ؟ سۆيگۈنۈمنى راستىنلا ئۇنۇتتۇڭمۇ ؟

 «ھەقىقىي ياخشى كۆرگەن ئادەم ساقلايدۇ » دېدىڭ ، بىراق ئۆزۈڭچۇ ؟ ياخشى كۆرگەن ئادىمى بىلەن كارى بولماسلىق قانداق مۇھەببەت ئۇ ؟! مۇھەببىتى ئۈچۈن بىر مىنۇتمۇ چىقىرالمايدىغان ئىنساندىن قانداق مۇھەببەت كۈتىمەن ؟ دۆلەت رەئىسىمۇ مۇھەببىتى ئۈچۈن ۋاقتىنى چىقىرالايدىكەنغۇ ؟ سەندىكى قانداق ئالدىراشلىق ئۇ ؟ نېمىدىگەن تۈگىمەيدىغان باھانە سەۋەپلەر ئۇ ؟ سەن سۆيگۈنۈمنى ئۇنۇتتۇڭمۇ ؟

 بىلىمەن ! ياشاش ئاسان ئەمەس ، ھەممىمىزنىڭ غېمى بار . ھېچكىم ھېچكىمگە دەرد بەرمىسە ، بىر-بىرىگە يول قويۇپ ، بىر-بىرىنى توغرا چۈشەنسە ، نەقەدەر ياخشى بولاتتىى ،-ھە ؟ لېكىن سېنى داۋاملىق توغرا چۈشىنىشكە ئاجىز كەلمەكتىمەن ! كۈتۈشلەردىن بىزار بولدۇم !  تېلىفۇنۇڭنى كۈتتۈم ، ئۇچۇرۇڭنى ساقلىدىم ! ئۈن دىداردىن خەۋىرىڭنى كۈتتۈم ! تېلىفون ئۇردۇم ، ئۇچۇرمۇ يازدىم ، ئۈندىدارغا سۆزمۇ قالدۇردۇم . لېكىن ، سەندىن يەنىلا خەۋەر يوق .....سەن شۇنچىلىك ئالدىراشمۇ ؟ ياكى مەندىن ئۆزۈڭنى قاچۇرىۋاتامسەن ؟ چۈشەندۈرۈش تەسكە توختاۋاتامدۇ ؟ ياكى ۋاز كېچىشنى ئويلاشتىڭمۇ ؟  بىلمىدىم ! بىلىشكە ، پەرەز قىلىشقا ئاجىزمەن . بىر ئېغىز سۆزۈڭ شۇنچىلىك قىممەتلىكمۇ ؟ سېنىڭ نە سۆزۈڭ ، نە ھەرىكىتىڭ يوق ! سەن يوقاپ كەتتىڭ ! سېنى يەنە ئىزدەشكە  باھانە تاپقۇم يوق ، سېنى ئىزدەشتىن بەسىندىم! بەلكىم ئۆزۈمىنى بەكرەك بىلگەندىمەن ، ۋەياكى ساڭا ئوخشاش ۋاز كەچكەندىمەن……سېنى كۈتكەن ئىدىم ، يوللىرىڭغا قارىغان ئىدىم ، تېلىفونۇڭنى ساقلىغان ئىدىم ..... ئەپسۇس ، تولىمۇ ئەپسۇس ، سەنچۇ ؟سەن قەيەرلەردە ؟ سەن سۆيگۈمنى ئۇنۇتتۇڭمۇ ؟.....

 ئەمدىچۇ ؟ كۈتۈشلەردىن ئەسەر يوق ، ساقلاشلاردىن ئەسەر يوق ! نېمىشقا دەمسەن ؟ مەن كۆنۈپ قالدىم ! سېنىڭ يوقلۇقۇڭغا كۆنۈپ قالدىم ! بىپەرۋالىقىڭغا كۆنۈپ قالدىم ! يالغۇزلۇقۇمغا كۆنۈپ قالدىم ..... ھايات شۇنداق ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ سەنمۇ ھەم ھەممىگە كۆنۈپ كېتىسەن ! يوقلۇقىمغا كۆنۈپ كېتىسەن ، مۇھەببىتىڭنى ھەم باشقىلارغا تەقدىم ئېتىسەن ……شۇنداق ئەمەسمۇ ؟ ۋاقىت ھەممىنى يېڭىپ ، ھەممىگە كۆندۇرىدۇ . سېنى سۆيگۈنۈم دېيىشكە تىلىم بارمايدۇ . كەچۈرگىن ، ئەمدى ئىككىمىز ھېچنىمە ئەمەس ! بەلكىم سەنمۇ مېنى ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇپ كەتكەنسەن !……سەندىن رەنجىمەيمەن ! چۈنكى ئۇنتۇيسەن ، ئۇنتۇلغىنىڭغا ئوخشاش ! خەير ، ئۇنتۇلغان سۆيگۈنۈم ، ياخشى قال !.....

 

2016-يىلى26-نويابىر

تۆت قۇلاق قەلىمىدىن






284 قېتىم كۆرۈلدى sansiz99 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-26 0:37:34  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-8 20:39:59 ۋىسال
ئ‍ۇمۇرىدە ئ‍ۇقۇپ قۇيسا بۇلغۇدەك يازما بۇپتۇ بەك ياقتۇردۇم
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ