يېڭى يىل
ئەكبەر مۇھەممەت ئەمىن سەئىدى
كەپتۇ مانا قوغلىشىپ يېڭى يىلمۇ دوسلۇرۇم،
ئۇشبۇ يىلغا تەنتەنە قىلدىڭلىمۇ دوسلۇرۇم؟
قالدى قانداق ئىزلىرىڭ ئۆتكەن ئاشۇ كۈنلەدە؟
شەرەپمۇ يا ئارنۇمۇس ئويلىدىڭمۇ دوسلۇرۇم؟
ئالدىمىزدا بىر بارگاھ سەزدىڭلىمۇ دوسلۇرۇم؟
ياكى بىلمەي يۈرەكنى ئەزدىڭلىمۇ دوسلۇرۇم؟
ئۆتتى دىمەك تۆنۈگۈن بىر پەلەمپەي ئازلىدى.
پەلەمپەينى ئاۋايلاپ باستىڭلىمۇ دوسلۇرۇم؟
ئۆتكەنلەرگە بىر كۈلۈپ باقتىڭلىمۇ دوسلۇرۇم؟
ياكى قايغۇ ـ ئەلەمدە قالدىڭلىمۇ دوسلۇرۇم؟
كۆرمىگەننى كۆرىمىز، ئامالسىز ھەم چىدايمىز.
سەن ئۇلارغا تەييارلىق قىلدىڭلىمۇ دوسلۇرۇم؟
نىشانىڭغا بىر تال ئوق ئاتتىڭلىمۇ دوسلۇرۇم؟
ياكى غەمسىز ئۆمۈرنى ساتتىڭلىمۇ دوسلۇرۇم؟
ئارمانلارغا يەتمەككە تاغ ـ داۋانلار تەپتەييار،
يەڭ تۈرۈپ ۋە بەلنىمۇ تاڭدىڭلىمۇ دوسلۇرۇم؟
گەدەنلەرگە ئامانەت ئالدىڭلىمۇ دوسلۇرۇم؟
ئامانەتنى ۋاقتىدا بەردىڭلىمۇ دوسلۇرۇم؟
ئۇلىشامدۇق ئەتىگە، بىخەۋەرمىز مۇقەررەر،
سىلەر بۇندىن بىخەۋەر كەلدىڭلىمۇ دوسلۇرۇم؟
يۈرەكلەردە بىر نىدا ئاڭلىدىڭمۇ دوسلۇرۇم؟
يىللاردىكى ئۈمىدنى ئاقلىدىڭمۇ دوسلۇرۇم؟
ئوبدان جاۋاپ بەردىلەر نى نى كاتتا ئۇلۇغلەر،
يىللارغا سەن جاۋابنى تەقلىدىڭمۇ دوسلۇرۇم؟
قەلەم
94 قېتىم كۆرۈلدى | ئەكبەر مۇھەممەد | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-1-1 10:18:32 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|