....قېرىنداش....
..........................................
بىر قورساقتىن تۇغۇلۇپ بىر بۆشۈكتە يىتىلىپ،
دىللىرىمغا زوق بىرەر جان ھەمراھىم قېرىنداش،
ئاتا-ئانامدىن ئايرىلىپ ساق يۈرەگىم يارلىنىپ،
يىتىملىكىم بىلىنمەس جۈپ قاناتىم قېرىنداش.
...........................................
بالىلىقتا چىپىشقان تال چىۋىقنى ئات قىلىپ ،
بىرگە ئويناپ چوڭىغان ئىپتىخارىم قېرىنداش.
مىھىرلەردە چوڭ بولدۇق ئەقىدىنى يار قىلىپ ،
قەدىرلەيدۇ چىن دىلدىن مىھرىبانىم قېرىنداش .
............................................
تۇرمۇشۇمنىڭ يۇلىدا مۇھتاج بولسام ھەر ئىشتا ،
ھەمدەم بۇلار دائىما دىلى رەيھان قېرىنداش .
ئىزدەپ كىلەر ئىرىنمەي سېغىنسام گەر يىراقتا ،
يۈرۈكۈمگە مەلھەمدۇر قەلبى گۈلخان قېرىنداش .
............................................
تارتىپ قالسام دەرت-ئەلەم داۋا بۇلار يارامغا ،
ماڭا شۇنچە كۈيۈمچان قەدىردانىم قېرىنداش .
قازانغاندا شان شەرەپ گۈل قىستۇرار ياقامغا ،
ئۇڭ قۇلۇمدۇر ھەرزامان غەمگۇزارىم قېرىنداش .
...........................................
ئۈزۈلمەستۇر رېشتىمىز بولساقمۇ بىز ھەر جايدا ،
رىشتىلىرىمىز تۇتاشقان قەلىبى گۈلزار قېرىنداش.
كىتىپ قالسام ۋاقىتسىز يوقلاپ كىلەر ھەر ئايدا ،
يىتىم قويماس قەبرەمنى گۈللەر تىزار قېرىنداش .
............................................
قېرنداشنى ھەمراھ قىپ مىنى يىتىم قويمىغان ،
تەڭرىمىزگە تەشەككۈر كۆپ شۈكۈرلەر قىلىمەن .
ئاچچىق تۇرمۇش يولىدا مىنى يىتىم قويمىغان ،
ئاتا-ئانامغا چىن دىلدىن كۆپ دۇئالار قىلىمەن.
............................................
ئاپتۇرى: ھەسەنجان ئۇچقۇن ....!
كوت كوت ھەم ئۈندىدار: 731725280...!!
2016 - يىلى9 - ئاينىڭ 7-كۈنى ......!!!
خوتەن.......!!!!!!!