بىر ھىكايە يازغۇم بار - شاھى مەردانى

 ‏بىر ھىكايە يازغۇم بار
   
     شاھى مەردانى

بىر ھىكايە يازغۇم بار مېنىڭ،
مۇقاۋىلىق قېلىن تاش قىلىپ.
ھاياتتىكى كۈلگەنلىرىم ھەم،
قىسمەتلەرنى كۆزگە ياش ئېلىپ.

بىر ھىكايە يازغۇم بار مېنىڭ،
شېرىن گۈلزار باشلىغىنىڭنى.
ئەمما لېكىن بىلمەي قەدرىمنى،
سۆيگۈ گۈلۈم تاشلىغىنىڭنى.

بىر ھىكايە يازغۇم بار مېنىڭ ،
مېنى ئالداپ قويغانلىرىڭنى،
قوش قېيىققا بىلدۈرمەي دەسسەپ،
شۇنچە مەزمۇت تۇرغانلىرىڭنى .

بىر ھىكايە يازغۇم بار مېنىڭ ،
مۇھەببەتكە قەلەم تەۋرىتىپ ،
بەرگىنىڭنى يۈزمىڭ ۋەدىنى،
ئىشەندۈرۈپ يۈرەك ئاغرىتىپ.

بىر ھىكايە يازغۇم بار مېنىڭ،
يۈرگىنىمنى ساداقەت كۈتۈپ.
يالغانلارغا تولۇپتۇ ئالەم ،
چنن مۇھەببەت ئالەمدىن ئۆتۈپ.
     





35 قېتىم كۆرۈلدى شاھى مەردانى ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-16 11:41:02  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ