ئۇيقۇسىز كىچە
روزىنىياز ئەھەت
جىمجىت كىچە ئاي يورىقى ،
كۆرسىتەر سىنىڭ جامالىڭنى .
سىغىنىشلىق مەيىن شاماللار ،
ئىلىپ كىلەر خۇشبۇي ھىدىڭنى .
شاماللارغا جۆر بولۇپ كۆڭلۈم ،
سەرسان بولار سوغۇق كىچىدە .
سەرسانلىقتا كۆڭلۈم پەرىشان ،
يايرىم ئىشقىدا يۈرىكىم لەختە .
تەكرار-تەكرار ئۇيقۇسىز كىچە ،
كۆزۈمنى يۇمسام نىگار قىشىمدا .
شۇنچە گۈزەل شۇنچە مۇلايىم ،
ياراتقانكەن ئىگەم بىرنىلا .
ئويغاق ھىسلار قۇترايدۇ ھەردەم ،
ئىلىپ كىتىشكە مىنى قىشىڭغا .
ئۇيقۇسىز كىچە زۇلمەتلىرىدە ،
چارىسىزمەن بىرىش يىنىڭغا .
تۇمان باسقان يۇلتۇزسىز ئاسمان ،
ئىلىپ قاچار ئۇيقىلىرىمنى .
بىراق تۇمان ئىلىپ كىتەلمەس ،
نىگارىمنىڭ ئوتلۇق مىھرىنى .
2016.10.8 كىچە
| 46 قېتىم كۆرۈلدى | روزىنىياز ئەھەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-16 20:08:46 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|