قەدىرلىكىم دىيەلمەي
ئامالسىزمەن سىرىمنى نىگار ساڭا ئىيتىشقا،
ھىجرانىڭدا يىغلىدىم ئاي يۈزۈڭنى كۆرەلمەي.
شائىر دەيمەن ئۆزۈمنى جۈرئەتسىز مەن نىمىشقا،
ئۆتەرمەنمۇ مەن سىنى قەدىرلىكىم دىيەلمەي.
شىرىن خىيال سۈرىمەن ئۆز-ئۆزۈمنى ئالداپ مەن،
چۈشلىرىمگە كىردىڭ سەن ھاياتىمغا كىرەلمەي.
كىممۇ سىنى مىنىڭدەك سۆيەلەيدۇ ئۈن-تۈنسىز،
سىنىڭ ئۈچۈن ئۈزگەن گۈلنى ساقلاپ يۈردۈم بىرەلمەي.
يەنە شۇنداق ياشايمەن چاندۇرماستىن دەردىمنى،
كۆزۈم كۈلەر دىلىمدىن ئىچىلىپ بىر كۈلەلمەي.
ماڭا ئۇۋال ئەمەسمۇ يالغۇز ئۆتسەم سەن ئۈچۈن،
كەتسەڭ بىركۈن يىراقلاپ ئەگەر مىنى سۆيەلمەي.
ئەقىدەمنى بىل نىگار جۈرئەتسىز مەن ئۇنتۇشقا،
چەكسىز خىيال قەلبىمدە،گۈل چىھرىڭنى كۆرەلمەي.
چۈشلىرىمدىن ئويغىناي، پۇشايماندا يىغلىماي،
كەتسە كۈنلەر مەن سىنى قەدىرلىكىم دىيەلمەي.
بۇ شىئىرىمنى قەدىرلىكىمگە سوۋغا قىلىمەن. غىرىپ شائىر
128 قېتىم كۆرۈلدى | bahit | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-12-7 15:29:56 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|