تۆكۇلگەن ياپراق - فەرۇخ

تۆكۈلگەن ياپراق

فەرۇخ

يەر يۈزىگە تۆكۈلگەن ياپراق،
غىرىپلىقتا ئەلەملىك يىغلار.
ۋىسالىغا يەتمەيدۇ دەرەخ،
كەچكۈز بولار ئاڭا سەۋەپكار.

سارغايدى ھەم قۇرىدى،سۇلدى،
ئەمدى دەرەخ ئۇنى ياراتماس.
تەن بەرمەسكە ياپراق ئامالسىز،
سۇلغانغا ياش مەڭگۈ ياراشماس.

نالە قىلار بىچارە ياپراق،
كەچكۈز سەۋەپ تۆكۈلدى،سۇلدى.
دەرەخ بىلمەس ياپراق دەردىنى،
قاراپ ئاڭائۇھسىندى كۈلدى.

يىللار ئۆتەر دەرەخلەر تىمتاس،
نۆۋىتىدە ياپراق ئالمىشار.
ۋىسالىسىز سۇلغان يوپۇرماق،
كۆزى نەمدە يۈرەك تولغىشار.

2016.10.21
     





87 قېتىم كۆرۈلدى faruh ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-24 8:59:20  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-12 22:04:09 دىلخۇمار
تىخىممۇ تىرىشىڭ !!!
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ