«كىملەر»
«كىملەر» يازغۇچى :سىراجىدىن جەۋلانى مەن يوقالسام ئويلايدۇ كىملەر ، سىغىنىپ مىنى توۋلايدۇ كىملەر . غىرىبانە قالغان قەۋرەمگە كىلىپ ، ياش تۆكۈپ بىھىش سورايدۇ كىملەر . ھەقىقەت يولىنى سورىماس كىملەر ، دۇنيادا ئەزەلدىن توزىماس كىملەر . توزۇيمىز بىر كۈنى ئ‍ۇ بىر ھەقىقەت، يامانلىق گۈلىنى پۇرىماس كىملەر . تۇيۇقسىز يوقالسام ئ‍ىزلەيدۇ كىملەر ، قەبرەمنى تىپىپ ھەتتا تۈزلەيدۇ كىملەر . ھەق ئالدا ناھەقتىن بىرنى سۆزلىسەم ، شۇ ھامان كىسىپ تىلمنى سۆزلەيدۇ كىملەر . دوستنى ھەم ياخشىلىققا باشلايدۇ كىملەر ، دوستتىكى يامان ئىللەتنى تاشلايدۇ كىملەر. دوستنىڭ بىشىغا چۈشسە ئىغىر كۈن ، شۇ ھامان دوستقا كۆز ياشلايدۇ كىملەر. ياخشىلىققا يوللارنى ئاچىدۇ كىملەر ، ئىزدەپ يۈرۈپ ياخشنى تاپىدۇ كىملەر . ھەقىقەتتىن يانماي دائىما شۇنداق ، ناھەق كۆرسە غەزەپلىك تاشىدۇ كىملەر .



26 قېتىم كۆرۈلدى سىراجىدىن جەۋلانى ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-7 7:06:33  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ