بىرئۇچۇم تۇپراقسەن، بلەمسەن ئەسلىڭ؟
ئوسمان ئابدۇللا (نازۇك)
كۈن چقىپ پاتقىچە، ئاي چىقار يەنە،
ئايدىن جاي تالىشپ يۇلتۇزمۇ ئەنە.
بۈگۈننى تىچ-ئامان ئۇزاتساڭمۇگەر،
ئەتە(راس)نە قسمەت كۆرەسەن يەنە.
سۈبھىدەنورچچپ چققان زەرقوياش،
ئاماندۇر«شۈكۈر»گە ئىگلگەندەباش.
غاپىلغا پەرۋاسىز ئۆتسە بۇ كۈنلەر،
غورۇرغا مۈشكۈلدۇربەزىدە ياشاش .
ھەر نەپەس بىزلەرگە ھەدىيە، ئھتمال،
مېھمانسەن دۇنياغا ،شۇنى بلىپ قال .
كەلىمكڭ نە سەۋەپ، كەتمكىڭ قاچان؟
قويوپ باق ئۆزۆڭگەشۇنداق بىر سۇئال،
ئۇچۇم تۇپراقتۇر، بىلەمسەن ئەسلىڭ؟
رەڭگا-رەڭ ئۆتسمۇ نەۋباھار پەسلىڭ.
ئادەمسەن!!! ئادەمدەك ياشيالىمساڭ،
شەنىڭگە نىمە دەر،ئەۋلادىڭ ،نەسلىڭ .
بىرلەر قىز، يارىلار، بىرلىرى ئوغول ،
تۆرەلىمش ئاشۇنداق، قىلارمىز قۇبۇل.
زار بولوپ قاغىجىرار، بۇردا زاغىرغا،
ئاقنانغا«شۈكىران»كۆتۆرمگەن قول.
2017-يىلى12-ئاپىرىل (قارىتاغىز)
| 30 قېتىم كۆرۈلدى | ئوسمان ئابدۇللا (نازۇك) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-12 10:49:34 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|