مۇھەببەت ئەپسۇنى

مۇھەببەت ئەپسۇنى

 

ئەيساجان(ئويغاق ) ‏

 

 ‏غەم باسقان ئۇيقۇسىز ئۇزۇن بۇ كىچىدە،

‏ئۆتمەكتە كۆز ئالدىمدىن سۆيگۈم سىمايى.

 ‏قالىمەن خىيال سۈرۈم جىمجىتلىق ئىچدە،

 ‏ئۇنتۇلماس ھېچ بىر سۆيگۈمنىڭ چىرايى.

 

 ‏ ‏بەلكىم ئۇيقىدىن بىداردۇر ئۇمۇ بۇ كىچىدە، ‏

بىرلا ئاشىقنىڭ ئۆزنى سىغىنغىننى سىزىپ.

 ‏قالدۇ ياكى كونا جايدىكى ئۆتمۈش ئىچدە،

 ‏خىيالار ئىلكىدە گۈزەل ئەسلىملەرنى كىزىپ.

 

 ‏ ‏تەقدىر بەلكىم ئايرىغاندۇ بىزلەرنى چىكىپ،

 ‏ئۈچ باھارلىق سۈيگۈ گۈلمىز ئەمدى قۇردى.

 ‏كىتىپ قالدىڭمۇ مەندىن شۇنداقلا كىچىپ،

 ‏دەرت كىلىپ مىنىڭ بۇ تەقدىرىمنى ئۇردى.

 

 ‏ ‏ئۆزگۈلەردىن ئېلىپسەن يار ئەيلەپ مىھىرنى،

 ‏شۇمىتتى سەندىكى ئاشىقڭغا قىلغان ئەقىدە.

 ‏تۇيمىدىم بۇ مۇھەببەتنىڭ ئەپسۇن سىھىرنى،

 سەندە قالغان مىھرىم قالسۇن بۇلۇپ سەدىقە.

 

 ‏ ‏ئامالىم قانچە قانائەتسىز يار سىنى ساقلاشقا،

 ‏بارلىقىم بىلەن ئاتىغان ساڭا مېھىر ساداقەت.

 ‏زورلىمايمەن ئەمدى ئۆزۈڭنى قايىتا ئاقلاشقا،

 ‏سەندە قالغان كۆڭلۈم ساڭا مەڭگۈ ئامانەت. ‏





107 قېتىم كۆرۈلدى oYGaK ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-7 14:52:00  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ