سۆيدۈم دېدىڭ سۆيگەنسەن سۆيەلمەيسەن ئانامدەك
ئانامدەك

ئەزھەر ئەنۋەر


سۆيدۈم دېدىڭ سۆيگەنسەن سۆيەلمەيسەن ئانامدەك،
 ھەئە بەلكىم كۆيگەنسەن كۆيەلمەيسەن ئانامدەك.
 كەتكىنىمدە يىراقلاپ تەقدىر بورانلىرىدا،
 نامىزىڭدا دۇئا قىپ كۈتەلمەيسەن ئانامدەك.

 كۈندە كۈلكە يار ئەمەستۇر ھايات دېگەندە،
 قىسمەتلەردە شۈكۈر قىل دەپ ئۆتەلمەيسەن ئانامدەك.
 مەن ئۈچۈن ئوتتا كۆيۈپ مېنىڭ سۈيۈمدە ئېقىپ،
 مېنى دەپ شامدەك يېنىپ ئۆچەلمەيسەن ئانامدەك.

 بەڭۋاشلىغىم تۈپەيلى كۆڭلۈڭ ئازار يېسىمۇ، 
مېنى تەكرار نەچچە رەت كەچۈرمەيسەن ئانامدەك،
 گەرچە باغرىڭ بىپايان چەكسىز بولسىمۇ،
 كەچۈرگەندە يۈرەكتىن ئۆچۈرمەيسەن ئانامدەك...




416 قېتىم كۆرۈلدى ئەزھەر ئەنۋەر ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-3 15:39:09  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ