ھايالىق ئۈستىدە تەپەككۇر - ھەسەنجان ئۇچقۇن يازمىلىرىدىن

 ھاياتلىق ئۈستىدە تەپەككۇر..!!!!!!‏‏‏

 ھەسەنجان ئۇچقۇن يازمىلىرىدىن 



شۇنداق بىر تەپپەككۇرلارغا پېتىپ قالىمەن .
دۇنيادا بىز مەنپەئەت مال-دۇنيا ئۈچۈنلا ياشاپ كەپتىمىز .
بىز ئەسلى مەنپەئەت مال-دۇنيا ئۈچۈن ئەمەس ھاياتلىق ئۈچۈن كەلگەن ئىكەنمىز .
ھاياتلىق ئۇ چوڭ بىر مەنا  ھاياتلىق دىگىنىمىز
بىلىملىك راسچىللىق تىرىشچانلىق مىھرىبانلىق ھەم ساخاۋەتلىك ۋىجدانلىق جۈملىدىن ھەقىقى بىر ئادىمىيلىكنى كۆرسىتىدىكەن .
ئەمما بىز ھاياتلىق ھەم ئادىمىيلىك يۇلىدا ئەمەس بەلكى مەنپەئەت ھەم قۇرۇق نام شۆھرەتنىڭ قۇربانى بۇپ كەپتىمىز .
نە ئاتا-ئانا نە قېرىنداش نە دوس-يارەن نە بىزگە كىرەكلىك بولغان بىلىم ھەممىنى دۇنيانى دەپ تاشلاپ قۇيۇپتىمىز .
مانا دۇنيامۇ تاپتۇق ئىسىل داچىلاردىمۇ ياتتۇق ئەمما شۇ مال-دۇنيا ئۈچۈن ئۆز ھەقىقىتىمىزنى ساتتۇق
ھەممە تەل بولغاندەك ھىس قىلغىنىمىزدا مۇھىم نەرسىلىرىمىزنىڭ كېمىيىپ كەتكەنلىكىنى كىچىكىپ ھېس قىلدىكەنمىز .
يەنى ئۇ  بولسىمۇ بىزگە ھايات داۋام كىرەك بۇلىدىغان بىزنىڭ ھايات يۇلىمىزنى يۇرىتىدىغان  بىلىم ھەم ئەزىزلىرىمىز مىھرىبانلىرىمىزنىڭ بىزدىن ئاللا بۇرۇن يىراقلىشىپ كەتكەنلىكىنى ھەتتا كەلمەسكە كەتكەنلىكىنى بەكمۇ كىچىكىپ ھېس قىلىدىكەنمىز .
مانا بۇلارنى چۈشۈنۈپ يەتكىنىمىزدە ھاياتتىن ھەم ھاياتتا ئىرىشكەن مەشىئەتلەرنىڭ نەقەدەر ئەرزىمەس نەرسە ئىكەنلىكىنى ئۇلارنى يۇقاتقىنىمىزدا بىلىدىكەنمىز  .
مۆتىۋەرلىرىمىز دەيدۇكى: سەن ھاياتتا شۇنداق پاكىز ياشىغىنكى دۇنيا سىنى ھەرگىز قۇل قىلىۋالمىسۇن .!

يەنە دەيدۇكى : سەن ئۈزۈڭ ئۈچۈن مۇھىم بولغان كىشىلىرىڭنى قەدىرلە سەن ئۇلارنى قەدىرلىسەڭ
شۇ قەدىردانلىرىڭ تەرپىدىن ئالتۇن كەبى تەرىپلىنىسەن .!!

شۇنداق بىر ھىكمەت بار ئۇ بولسىمۇ : نىمە تېرىساڭ شۇنى ئالىسەن ..!!!

ئامىرىكىلىقلاردا شۇنداق بىر ھىكمەت بار ئۇ بولسىمۇ : سەن دۇنياغا باش بۇلاي دىسەڭ دۇنيادىكى ئەڭ بىلىملىك كىشىلەردىن بۇلۇشقا تىرىشقىن ..!!!!!

يەنە ئۇيلاپ باقايلى قېرىنداشلىرىم ..........
بىزنىڭ ھەقىقىتىمىز بىزنىڭ ساداقىتىمىز بىزنىڭ سائادىتىمىز بىزنىڭ ھەقىقى سالاپىتىمىز نەلەردە كۈمۈلۈپ قالدى بىز ھەقىقەتتە كۈمۈپ قۇيمۇدۇق بەلكى ئەرزىمەس دۇنيا ئاستىغا چىرايلىرى توپا-چاڭ ھالەتتە تاشلاپ قويدۇق مانا شۇ ھەقىقەتلە شۇ ساداقەتلە بىزدىن كۈزى قىيمىغان ھالاتتە ۋاز كەچتى ئەمما بىز يەنە شۇ دۇنيا دۇنيا شۇنۇڭ بىلەنلا يۈرىۋىرەمدۇق .....
بىز ئويلاپ باقايلى شۇ ھەقىقەتلەردىن ئايرىلىپ جان كىچىپ ئالغان ھۇسۇلىمىز نىم بۇلا .؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
ئاتا ئانىنى ئاھ ئۇرغۇزۇپ سېغىندۇرۇپ يالغۇز قالدۇرۇپ تاپقان دۇنيالىرىمىز قېرنداشنى زارلىتىپ تاپقان شاۋكەتلىرىمىز دوس يارانسىز قىلغان ھەركەتلىرىمىز بىزگە قانچىلىك خۇشاللىق ھەم قانچىلىك راھەتلىك يەنە قانچىلىك مەنىۋىيەت  بىرە .؟؟؟؟؟؟
بۇنداق يۈرۈپ كىتىشىمىز  بىزنى غەلبە بۇسىغىسىغا يەتكۈزەلەرمۇ .؟؟؟؟
شۇنداق قىلغان كىشى بەركەت تاپالارمۇ ..؟؟؟؟؟؟
بىلىمسىز تاپقان مال-دۇنيا بىزگە قانچىلىك خاتىرجەملىك بىرە يەنە قانچىلىك باياشاتلىققا ئۈرىشتۈرە ؟؟؟؟؟؟؟
يەنە شۇنداق كىشىلەر ئەل ئىچىدە قانداق  تەرىپلىنەر .؟؟؟؟
مانا بىز ئويلاپ باقىدىغان بولساق نى سۇئاللارنى بىز جاۋاپسىز قالدۇرغان ھالەتتە دۇنيا دەپلا ياشاپ كىلىپتۇق يەنە بەزىلەر مال-دۇنيا ئۈچۈن بىلىم ئېلىشتىن ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئۇقۇشتىنمۇ ۋاز كىچىپ كىيىنلىكىنى ئۇنتۇپ كۆز ئالدىدىكى ئازغىنا دۇنياغا بىرلىپ مەڭگۈلۈك تۈگىمەس خەزىنە بولغان بىلىمدىن مەھرۇم قېلىپ ئاقىۋەتتە جەمىيتىمىزدىكى نادانلار ئورنىدىن ئۇرۇن ئالغانمۇ بولدى ئەمەلىيەتتە بىلىمدىن ۋاز كەچمىگىنىمىزدە بىز ھەقىقى يىتىشكەن ياراملىق بىر ئادەم بۇلاتتۇق .
ئەزىزلىرىم : بىز بىلىم ئۈچۈن ھەقىقەت ئۈچۈن ھاياتلىق ئۈچۈن جان بىرەيلى تېرشايلى بىز ھاياتىمىزدا ئۈزۈمىزگە ھەم خەلقىمىزگە ئۈلگە بولغۇدەك بىر نىشان تىكلەيلى تېرشىپ بىلىم ئالايلى بىز بىلىملىك بولغۇنۇمىزدا ھەممە يولدا توغىرا ماڭالايمىز ئاتا ئانىغا قىرىنداش دوس يارەنگە ھەم كۈڭۈل بۈلەيلى ئالدىمىزدىكى ئازغىنا مال دۇنيا بىزنىڭ كۈزىمىزنى ئىتىپ قويمۇسۇن ئەقلىمىزنى بولغاپ نىشانلىرىمىزنى بەربات قىلۋەتمىسۇن بىزنىڭ ھەقىقىتىمىزنى بىزنىڭ ساداقىتىمىزنى بىزنىڭ سائادىتىمىزنى بىزنىڭ ھەقىقى سالاپىتىمىزنى ئازغىنا مال دۇنيا ئۆزىنىڭ ئاستىغا كۈمۈپ قويمىسۇن .
ئاخىردا بىر ھىكمەت : سەن ھەقىقى سالاپەتلىك ياراملىق كىشىلەردىن بۇلاي دىسەڭ بىلىم ئېلىشنى توختاتما بىلىم قېرى ياش تۇكۇر چۇلاق دىمەيدۇ ئۇ تۈگەپ قالمايدۇ  .!!!!!!
شۇنۇڭ ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تېرشىپ بىلىم ئالايلى .
ئۈزلۈكسىز تىرشىپ خەلقىمىزگە ئۇيغۇر جەمىيتىمىزگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قۇشۇپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەھمۇد قەشقىرى ئاتىلىرىمىزغا  ئوخشاش ئەل قەلبىدىن چوڭقۇر ئۇرۇن ئالالايدىغان ھەقىقى ياراملىق كىشىلەردىن بۇلۇشقا داۋاملىق تېرشىپ ئۇيغۇر جەمىيتىمىزدە جۈملىدىن پۈتۈن دۇنيا بىزنى مەڭگۈ ياد ئەتكۈدەك ئۆچمەس ئىز قالدۇرايلى .
ئۇيغۇرۇمنىڭ يۈزى دائىما يۇرۇق  قىلغان ئىشلىرى ئۇتۇقلۇق ئۇقۇشلۇرى نەتىجىلىك بولغاي مەنمۇ ھەم بۇ تەپەككۇرۇمنى مۇشۇ يەردە توختىتاي.!!!!!!!!!!

كوت-كوت ھەم ئۈندىدار:731725280
2016-يىلى8 -ئاينىڭ 25 - كۈنى         خوتەن
     





238 قېتىم كۆرۈلدى hasanjanuqk ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-3 10:24:52  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ