مەندىكى ھايات - ئابلىمىت ئابلا

مەندىكى ھايات

ئابلىمىت ئابلا


مەن بىر دوختۇر بىمار ئىشقىدا يانغان،
قەلبىمدە جۇش ئۇرار ئوتلۇق مۇھەببەت.
كىسەللەر  ئۈچۈن ھەم ئارزۇيۇم مەشئەل،
بىمار دەپ يۈرۈگۈم سوقۇدۇ پەقەت.

دوختۇرخانا بىناسى مىنىڭ ماكانىم
تەپەككۇر قىلىمەن بىمارغا قاراپ.
ھەر بىمار دەۋرىمنىڭ نۇرى جۇلاسى،
چاقنايدۇ دىللارغا ئۈمۈت بېغىشلاپ.

مەن دوختۇر قەلبىم گويا بىر بۇلاق،
تەشنا دىللارغا ھەم بال بولۇپ ئاققان.
خەلقىمنىڭ روھى ھەم تەن ساقلىقىنى دەپ،
بىمارلارقەلبىگە نۇر چىراق ياققان.

ئالەمگە قارىسام سۆزلەيدۇ كۆزۈم،
دوختۇرخانا بىناسى بىر گۈزەل جەننەت.
بىمارلار دوختۇردىن يىغمىسا قۇۋەت
بولمايدۇ بىماردا ھېچقانداق لەززەت.

دوختورلۇق مىھرىمنى بىمارغاچاچسام،
بىمارلار ئۇچۇشقا چىقارسا قانات.
يۇلتۇزدەك چاقنىسا بىمارلاركۆكتە،
قىممەتلىك بولاتتى مەندىكى ھايات. 


2016.10.3





274 قېتىم كۆرۈلدى urtanma ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-30 1:06:41  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ