نەسھەت - پازىلجان سىدىق

نەسھەت

  پازىلجان سىدىق


بارغىن دىسە مەكتەپكە،

 ئوقىمايمەن دىمىگىن.

چىقىۋىلىپ مەكتەپتىن،

 مەندەك پۇشمان يىمىگىن.


 ھە دىسىلا مەكتەپتىن،

قىچىپ  يۇرۇپ ئويناتتىم.

يالغان سۆزلەپ ھەمىشە،

ئويناپ-ئويناپ تويماتتىم.


 يىل ئۆتكۇزۇپ مۇشۇنداق،

مەكتەپتىنمۇ چىققانتىم.

چىقتىم دەپ خوشال بولسام،

زىرىككەندىن تويغانتىم.


 چىققان بىلەن مەكتەپتىن،

لۆھچەك بولۇپ يۇرمىزكەن. 

تۆت كۆچىغا چىقىۋىلىپ،

 پاراڭ سىلىپ تۇرمىزكەن. 


شۇڭا دەيمەن ياش دوسلار،

 مەندەك پۇشمان يىمەڭلار.

 چىقىۋىلىپ مەكتەپتىن،

 مەندەك خەپ -خەپ دىمەڭلار.


 ئىلىم-پەننى ئوگۈنۇپ،

پارلاق بىر يول ئىچىڭلار.

 ئوستۇرگەن بۇ تۇپراققا، 

گۇل -غۇنچىلار چىچىڭلار.
     





690 قېتىم كۆرۈلدى xungkar ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-6 11:20:22  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ