تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن - گۈلزىرە مەخمۇت

تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن

گۈلزىرە مەخمۇت

 050.JPG

دەيمەن قۇتلۇق تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن،

سېنى تۇغقان،بېقىپ چوڭ بولغان ئاناڭ ئامان بولسۇن.

بەختىڭگە كۆزلەر تەگمىسۇن،يامانلاردىن يىراق قىلسۇن ،

بەخت-ئامەت،خۇشاللىق يار بولسۇن،قايغۇلار يىراق بولسۇن .

 

ئازاپلىرىڭغا ھەمراھ بولاي،كۆز ياشلىرىڭنى سۈرتەي ،

تەبەسسۇمىڭ ئۆچمىسۇن چېھرىڭدىن،ھەسرىتىڭنى قوغلاي.

شېئىرغا چولتا ئىدىمغۇ مەن،بۇ ساڭا قىلغان سوۋغىتىم ،

دەردىڭگە دەرمان بولالمىدىم بەزىدە،كەچۈر دوستۇم .

 

مۇبارەكلەيمەن،تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن ،

تىلەيمەن ئۈمۈدۈم شۇكى ھاياتىڭ مەنىلىك ئۆتسۇن .

بۇ شېئىر يۈرەك ساداسى،بۇ ھەم قەلبنىڭ چۇقانى ،

بۇ قەلەم ئىزى بولۇپ قالغۇسى چىن دوستلۇق نىداسى .

 

قايغۇ بىلەن خۇشاللىق ھەم قوشكېزەك ئۇشبۇ تۇرمۇشتا ،

مەغلۇبىيەتلەردىن قورقۇپ چېكىمىگىن سەن ھەر ئىشتا .

ئاستا ماڭغانمۇ ماڭغان،توختاپ قالغان يامان،تىرىشقىن،

تىرىشقان تاغ ئاشار،بۇ ھېكمەتلەرنى ئېسىڭدە تۇتقىن .


تەڭ كۈلەيلى بىز تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن ،

ئۇشبۇ قۇتلۇق كۈندە دوستۇڭ كۈلۈپ دۈشمىنىڭ يىغلىسۇن .

ئالتۇن تېنىڭ سالامەت،ئىشلىرىڭ ھەم ئوڭۇشلۇق بولسۇن ،

قەدەملىرىڭدىن گۈللەر ئۈنسۇن، يېقىنلىرىڭ يار بولسۇن .

 

2016-يىلى26-نويابىر

تۆت قۇلاق قەلىمىدىن





102 قېتىم كۆرۈلدى sansiz99 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-26 0:31:17  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-11-29 14:46:48 ئ‍اينۇر
رەھمەت ، شۇ ياخشى تىلەكلەر ساڭىمۇ ھەم ھەمراھ بولسۇن !
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ