كەتكۈم بار - ئابدىراھمان ھېكىم

 ·—كەتكۈم بار—·

🎄ئابدىراھمان ھېكىم🎄 🌹ئىشەنچ🌹

ھاۋا يىگەچ  گۈزەل  بىر جايغا  باغۇم  بار،
ئازار يىگەن بۇ دىلىمنى خوشال قىلغۇم بار،
ھارغىنلىققا   زەيىپ    بولغان    روھىمنى،  
بىلسەڭ ئىدى يىراقلارغا ئېلىپ كەتكۈم بار،

تىنىچلانسا دەيمەن ئېغىپ تۇرغان  يۈرۈكۈم،
گۈزەل مەنزىردىن قانغۇچە ھۇزۇرئالغۇم بار،
يالغانلىرى   تۈگۈمىگەن   مۇشۇ   دۇنيارىم،
تاشلاپ قۇيۇپ ھەممىنى يىراق تۇرغۇم  بار،

يالغۇز جېنىمغا يۈكلەندى تۈگەتكۈسىز  غەملەر،
غەمسىز بۇلۇپ خوشاللىقنى ھەمراھ قىلغۇم بار،
قاناتلىرىم  بۇغۇلغان  قەپەزدىكى  قۇش  ئۆزەم،
ئەركىن ئازادە پەرۋاز قىلىپ كۆكتە ئۇچقۇم بار؟……

بېسىملىرى   ئېغىركەن   بۇ    دۇنيانىڭ،
ھاياتلىقنىڭ   پەيزىنى   سۈرگۈم    بار،
نىشان قىلغان شۇ يۇرتتىن ھۇزۇر ئېلىپ
تىپ-تىنىچ  دېڭىز بويلىرغا كەتكۈم بار؟ 


2016-يىل9-ئاينىڭ24 - كۈنى كۇچا

506838927
     





316 قېتىم كۆرۈلدى ixanq ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-21 20:39:29  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ