‎ئازاپلاردىن ئۆرتەندى يۈرەك - مەردان ئېزىز

  ئازاپلاردىن ئۆرتەندى يۈرەك

مەردان ئېزىز


‎مېنىڭ قىلغان ئاھۇ-زارىمدىن،
‎تىترىمەكتە زىمىن ۋە پەلەك.
‎چىدالمىدى ئاجىز تەنلىرىم،
‎ئازاپلاردىن ئۆرتەندى يۈرەك .

‎سۆيگەن يايرىم ھەسرەتلەر بەردى،
‎شۇ ھەسرەتلەر يۈرەكنى ئەزدى.
‎يامان ئىكەن سۆيگۈنىڭ دەردى،
‎ئازاپلاردىن ئۆرتەندى يۈرەك.

‎ئازاپلىرىم جاننى قىينىدى،
‎سۆيگەنلىرىم بۇنى بىلمىدى.
‎خەقلەر مېنى كۆزگە ئىلمىدى،
‎ئازاپلاردىن ئۆرتەندى يۈرەك.

سېنى شۇنچە سۆيەتتىم بەرنا،
‎تۆككەن يېشىم بولدى بىر دەريا.
‎ماڭا يۆلەك بولمىدى دۇنيا،
‎ئازاپلاردىن ئۆرتەندى يۈرەك.

‎مەردان ئېزىز    تارىم ئوغلى    قەلىمى
‎2016-يىل  23-ئۆتەبىر (星期日)
‎كېچە سائەت1:07 (乌鲁木齐)

     





67 قېتىم كۆرۈلدى مەردان ئېزىز ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-30 15:47:56  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ