خوراز ھەيۋىسى
ئېلشاتجان ئېزىز يىگچى
ئاسياننىڭ شەرقىدە باردۇر بىر خوراز ،
تۇرىدۇ ھەيۋەتلىك سۈلىكتى بىلەن .
چىللسا گەر ئۇ تاڭنى شۇ دەقق شۇئان ،
تارقىلىپ بولۇتلار ، يۇرۇيدۇ جاھان .
بۇ خوراز باشقۇرار تۆت چوڭ دېڭىزىنى ،
ۋە يەنە چاڭجىياڭ ، خۇاڭخى دەرياسنى .
جاھانغا تەڭداشسىز بار يەنە ئۇنىڭ ،
سەدىچىن سېپىلدەك پولات قورغانى .
بار ئۇنىڭ يېنىدا نۇرغۇن چۆجىسى ،
تۈرلىرى ھەر خىل ئاجايىپ رەڭدار .
نۇپۇسى جاھاندا ئەڭ كۆپتۇر ئۇنىڭ ،
زىمنى بىپايان ، سىرلىق جەزبىدار .
قەدىمدىن تارتىپ ئۇشبۇ زىمنىغا ،
كۆز تىكىپ كەلدىغۇ ياۋۇز بۆرىلەر .
ئېقتىپ تۇرىغاچقا شۆلگىينى دائىم ،
بولۇندى چوڭ كىچىك تۈرلۈك جەڭلەر .
تەسەرۇپ زىمىمنى قوغداش ئۈچۈن ،
چاقىردى خوراز چۈجىسنى جەڭگە .
بولمسمۇ گەر بۇرغا ۋە دۇمباق ،
كۆرستىپ دۈشمەنگە چىلدى ھەيۋە .
چوڭ خوراز چىللاپ جەسەرلۇق بىلەن ،
چاقىردى چۆجىسنى تەسلىم بولماسقا .
ئۇيۇشۇپ ئۆز ئارا قارچىغا بولۇپ ،
بويرىدى دۈشمەننى قوغلاپ چىقىرشقا .
2015 – يىل 4 – ئۆكتەبىر ( ئونسۇ )
| 244 قېتىم كۆرۈلدى | yigqi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-1-12 12:44:49 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|