ساۋاقداش
نۇرمۇھەممەت مۇسا
"مەكتەپ "دىگەن گۈلزارلىقتا" بىلىم "دىگەن گۈل ئۈزگەن،
ئىلىم -ئېرپان دېڭىزىدىن گۈھەرلەرنى تەڭ سۈزگەن.
ئەجدات ئىزىنى بېسىپ، ئۈشبۇ جايدا سەپ تۈزگەن،
مىھرى ئاتەش ساپ دىللىق ، چىھرى ئىللىق ساۋاقداش .

ئونبەش ئوغۇل ئونبەش قىز ، ئوتتۇز ئىدۇق بىر سىنىپ ،
چاڭقىغان شۇ دىللارغا شەربەت ئىچكەن بىز قېنىپ.
كەتكەن ئىكەن ئالتۇن ۋاخ ، قايتىپ كەلمەسكەن يېنىپ،
قايدا بولساڭ ئامان بول سەككىز يىللىق ساۋاقداش.

ھەر ساھەگە ،ھەر يۇرتقا چېچىلىپتۇق ھەممىمىز ،
خۇش پۇراقلىق گۈل بولۇپ ئېچىلىپتۇق ھەممىمىز .
كەم -كۇتىلەردىن خالى يېتىلىپتۇق ئەمدى بىز ،
ئەلدىن تۆھپە ئايىمايلى شېرىن تىللىق ساۋاقداش.

مائارىپ تەرەققى قىلىپ ، ھەممە بولدى قوش تىللىق ،
ئوقۇتقۇچى -ئۇستازمۇ بەك خۇشچىراي ھەم ئىللىق.
ئەۋلاتلارنى تەربىيىلەپ، قىپ چىقايلى پاك دىللىق،
ۋەتەن -خەلق بىزدىنمۇ كۈتەر چىنلىق ساۋاقداش.
2016-6-26
| 416 قېتىم كۆرۈلدى | نۇرمۇھەممەت مۇسا | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-6-27 15:54:23 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|