چۈش
(سەۋدا)
توۋا دېدىم بەكمۇ ھەيران قالدىم ئۆزۈمگە،
ئۆچ نەرسىگە گاھى ئامراق بولاركەن ئىنسان.
مۇشۇ چۈشتىن زېرىكەتتىم ئىلگىرى شۇنداق،
مانا ئەمدى سېغىنىمەن كۆرەرمەن قاچان.
ئۇيقا تاتلىق ئىدى ماڭا چۈشكە ئۆچ ئىدىم،
ئۇ چاغلاردا چىۋىق تايچاق يوللار يايلىقىم.
ئۇيقۇ ئازلاپ شۇ چۈشنىمۇ سېغىندىم ئەمدى،
بەك مۇرەككەپ،تولا بولغاچ رىئالدا غېمىم.
بىلسەم بۇرۇن ئويغانساملا چۈش ئىكەن ماڭا،
غېمىم ئاددى، ئۆزۈم پاششاپ ئۆزەم پادىشاھ.
چىگىش-چىرماش خىياللار جېق كاللىدا بۈگۈن،
چۈش تۈگىدى يۈزلەنگىنىم ۋەھشى بىرجەڭگاھ.
بۇ كۈنلەردە گاھى بىررەت چۈش كۆسەم دەيمەن،
تۇرمۇش غېمى،ئازاپلارنى ئۇنتۇسام دەيمەن.
گۈزەل سۈرەت، تاتلىق سۆزدىن كۈلۈپ ئويغانسام،
جاراھەتكە مەلـھەم قىلىپ ئەملىسەم دەيمەن.
كۆرىۋالسام چۈشىلىرىمدە سېغىنغان يارنى ،
قىلۋالسام ، قىلالمىغان تالاي ئىشلارنى.
چۈشلەر روشەن بولسا ئېنىق ئۇنۇتمىسام ھەم،
ئۈمىدلىنىپ كۈلسە دەيمەن نىمجان يۈرەكنى.
55 قېتىم كۆرۈلدى | sawda0903 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-26 9:35:46 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|