مەن ئۈزەمچە شۇنداق ئويلايمەن
ئېزىز تۇرسۇن خەنجەرى
بۇ ھاياتقا ئەسلا تويمايمەن,
ئۈمۈدلەرنى يەردە قويمايمەن.
ئەل قوينىدا قەتئىي سۇلمايمەن،
مەن ئۈزەمچە شۇنداق ئويلايمەن.
**************************
قەرزىم باركى ئىگىسىگە جان ،
ئۇ بەرگەچكە ماڭا رىسىق-نان.
ئەلدىن ئالدىم ئەلگە بىرەي قان ،
مەن ئۈزەمچە شۇنداق ئويلايمەن .
***************************
ھاجەتمەننى خىجىل قىلمىدىم ،
ھاجەتمەن بوپ تازىم قىلمىدىم .
كىبىرلىكنى كۆزگە ئىلمىدىم ،
مەن ئۈزەمچە شۇنداق ئويلايمەن .
****************************
زۆھرە جانىم ماڭا مىھرىبان ،
قاناتىمدۇر ئىمران ۋە ئېھسان .
ھازىرغىچە دىلدا يوق ئارمان ،
مەن ئۈزەمچە شۇنداق ئويلايمەن .
***************************
مۇنبەردىلا ھاياتىم ئۆتەر،
ئەۋلادئۇچسا ھاردىقىم كىتەر.
ئازتاپساممۇ شۈكرى،پۇل يىتەر،
مەن ئۈزەمچە شۇنداق ئويلايمەن .
****************************
تامايىم يوق ھىچبىر نەرسىدىن ،
ماھىيتى شۇ كەسپىم ئەسلىدىن .
بىزئاشۇنداق خەقنىڭ نەسلىدىن ،
مەن ئۈزەمچە شۇنداق ئويلايمەن .
****************************
ئادەم بولغاچ بىباھا نەرقىم،
سىزلەر بىلەن ھىچ يوقتۇر پەرقىم .
مەرىپەتنى سۆيسىكەن خەلقىم ،
مەن ئۈزەمچە شۇنداق ئويلايمەن .
2016-يىل 26-سىنتەبىر