كۆردۈم

كۆردۈم

 

مىنەۋەر ئوبۇل ئاتۇش

 

ئايا دوسلار ئەجەپ پۇچلاندى قەلبىم بىر تەلەت كۆردۈم,

 ئىللىق يۈرەكنى مۇزلاتقان سۆرۈن چىراي پارچە مۇز كۆردۈم.

 

 يۈرەك تەشنالىغىم قانماي سىنىڭ چىھرىڭگە تەلمۈردۈم,

 ئېغىر خۇرسىندى بۇ يۈرەك ئېچىلماس بىردىدار كۆردۈم.

 

 خاپا چىراي خۇددى غەش كۆڭلۈڭ مىنىڭ دىلىمنى رەنجىتتى,

 بولۇپ بەزەن يۈرەك لەختە ئۆزۈمنى بىر مىسكىن كۆردۈم.

 

نە سەۋەپتۈر بىلەلمىدىم ئېچىلمايدۇ زىنھار چىرايىڭ,

 كۆڭۈلنى خۇش قىلىش مەخسەت كۈنۇ تۈندە ئۈندىدار كۆردۈم.

 

 كىچىلەردە جىمجىتلىق ھەم سۈكۈت باستى ئۆيلەرنى,

 زىرىكىشلىك بۇ تۇرمۇشتا بەزەنلەردە تىلىۋۇزۇر كۆردۈم.

 

 ئىچىمگە پاتمىغان دەرتلەر دەپتەرگە پاتتى دوسلۇرۇم,

 دەتلىرىمنى قۇرغا تۆكتۈم ياشلىرىمنى قۇردا كۆردۈم.





275 قېتىم كۆرۈلدى مىنەۋەر ئوبۇل ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-31 16:54:33  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-2-13 13:32:08 مەنزىل
غەزەل شەكىلدە يېزىپسىز بىراق غەزەلنىڭ كۈپلېتى تاق بولىشى كىرەك
2016-2-11 18:13:21 ئەلىجان مۇھەممەد
شائىرە قىز غەزەل دىگەننى يېزىپسىز ،قەلمىڭىز توختاپ قالمىسۇن !
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ